باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق ئىككى يىغىننىڭ ئۈچ چوڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى

ۋەكىل ئەزالار يىغىندىن بۇرۇن ئىككى يىغىن توغرىسىدا سۆز قىلدى

2015.03.03 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «تۆت ئومۇميۈزلۈك» مۇھىم نۇقتا

  «تۆت ئومۇميۈزلۈك»(يەنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش) ئىككى يىغىندىن بۇرۇنلا جۇڭگونىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى قىزىق تېمىلىق سۆزلەرنىڭ بىرگە ئايلانغان، ۋەكىل ئەزالار بۇنىڭغا قارىتا چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سەي لىڭ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە بۇ يىللىق ئىككى يىغىن كۆپچىلىكنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك»كە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان سورۇن، شۇنداقلا كۈچنى مۇجەسسەملەپ «تۆت ئومۇميۈزلۈك»نى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان سۇپا، ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنى ئىنتايىن قوللايمەن ۋە ئېتىبار بېرىمەن.

  «تۆت ئومۇميۈزلۈك»نىڭ چېتىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، ھەر بىر تۈر جۇڭگودىكى 1 مىليارد 300 مىليون كىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. نۇرغۇن ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئوبدان بىلىدىغان ساھەلەرنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكېرت تەدبىرلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

  ھالقىلىق، باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 2015-يىلغا ھالقىلىق يىل، باشلىنىش يىلى، ئاخىرلىشىش يىلى دەپ ئېنىقلىما بەردى.

  يۈ يۇڭ مۇنداق دېدى: 2015-يىلى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھالقىلىق يىلى، بىز ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرىمىز.

  دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، «گوخاۋ» ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ شېرىكى شى جې مۇنداق دېدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئىككى يىغىننىڭ قىزىق نۇقتىسى، ھازىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بىلەن ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى قانۇننىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقنى نامايان قىلدى.

  «12-بەش يىل»نىڭ ئاخىرلىشىش يىلى. «12-بەش يىل» ئاخىرلىشىش ئالدىدا قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى «13-بەش يىل»غا قاتناشتۇرۇش، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شياڭگاڭ «دېلى» سائەت گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىر لياڭ ۋېيخاۋ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتا.

  ئىككى يىغىن يېڭى ئۇسلۇب ياراتتى

  2-مارت چۈش سائەت 12 گىچە، سىياسىي كېڭەشنىڭ 2227 ئەزاسىدىن 1359سى چوڭ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىدا تىزىمغا ئالدۇردى. چوڭ يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ھازىرغىچە 979 پارچە تەكلىپ ۋە 337 پارچە نۇتۇق سۆزى تاپشۇرۇۋالدى.

  بۇ يىلقى ھۆججەتلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازلىشى خې شياڭجيۇغا ئەڭ تەسىر قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن بىر دۆۋە ماتېرىياللار بولاتتى، ئىسراپچىلىقلا بولماستىن يەنە ئوقۇش بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى، لېكىن بۇ يىل يىغىن باشلىنىشتىن تارتىپ تىزىمغا ئالدۇرغىچە پەقەت ئەڭ ئاساسلىق كۈن تەرتىپى ۋە ئىزاھاتلا تارقىتىلىپ، بىزنى يېنىكلىتىپ قويدى.

  ئىككى يىغىننىڭ يېڭى ئۇسلۇبى شەكىللەنمەكتە، ئۇنداقتا ئىككى يىغىننىڭ ئۈنۈمى نەزىرىمىزدە بولسۇن. (مۇخبىرىمىز ليۇ شاۋخۇا، يې شاۋنەن، يى شياۋيۈ، شى زىچياڭ، جاۋ شەن، ليۇ فېڭ)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر