باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىلى ئىسلاھاتنىڭ سالمىقى قانچىلىك ئېغىر بولىدۇ؟

− ئىككى يىغىن قىزىق تېمىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بىشارەت

2015.03.03 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۈتۈنۈش، مائارىپ، تۇرالغۇ ئۆي قىزغىنلىقى سۇسلاشتى، ئىسلاھات دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى

  شىنخۇا تورى بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش، كۈتۈنۈش ئىسلاھاتى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، مالىيە، باج، پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتى قاتارلىق 19 تېمىنىڭ بارلىقىنى تەكشۈرگەن، ئۆتكەن يىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل تورداشلارنىڭ كۈتۈنۈش، مائارىپ، تۇرالغۇ ئىسلاھاتىغا ئېتىبار بېرىش دەرىجىسى تۆۋەنلىگەن. 19 تېما ئىچىدە تۇرالغۇ ئىسلاھاتى ٪4.86 بىلەن 9-ئورۇندا تۇرغان، ئۆتكەن يىللاردا تۇرالغۇ مەسىلىسى بارلىق تېمىلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان؛ مائارىپتا ئادىل بولۇش مەسىلىسى ٪6.14 بىلەن 7-ئورۇندا تۇرغان. كۈتۈنۈش ئىسلاھاتى يەنىلا قىزىق نۇقتىلىق تېما بولسىمۇ، لېكىن ئۆتكەن يىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

  خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى بۇ ئۈچ چوڭ قىزىق نۇقتىلىق تېمىنىڭ بۇ يىل ئوخشىمىغان دەرىجىدە سۇسلىشىشى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلاھاتنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈمىنى كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى يېڭى قىزىق نۇقتىلىق تېمىغا ئايلىنىپ، خەلقنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى

  بۇ يىللىق ئىككى يىغىن تەكشۈرۈشىدە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، مۇھىتنى ئىدارە قىلىش تېمىلىرى شىددەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەپ، ھەممىسى ئالدىنقى ئون قىزىق نۇقتىنىڭ ئىچىگە كىرگەن، ٪18.5 تورداش بۇنىڭغا بىلەت تاشلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىمۇ تۇنجى قېتىم تورداشلار ئېتىبار بېرىدىغان يېڭى تېمىغا ئايلانغان. بۇ يېڭى قىزىق نۇقتىلارنىڭ پەيدا بولۇشى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، دۆلتنىڭ ئىرادىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە خەلقنىڭ ئارزۇسى.

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش، كىرىم تەقسىماتى يەنىلا قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر بولۇپ، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر

  بۇ يىلقى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش» يۇقىرى بىلەت بىلەن 2-ئورۇندا تۇرغان، بۇ بۇ تېمىنىڭ ئىككى يىغىننىڭ قىزىق نۇقتىلىق تېمىلىرى ئىچىدە ئۇدا ئون نەچچە يىل ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىدە تۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. «كىرىم تەقسىماتى» يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئالدىنقى ئىككىنىڭ ئىچىدە تۇرغان، بۇ يىل 1-ئورۇنغا ئۆتكەن.

مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر