خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇل» چېمپىيۇنى گۈلمىرە چاقىلىق ناھىيەسىدىكى چاغانلىق كېچىلىكتە «قۇڭغۇراق ئۇسسۇلى»نى ئوينىدى.
15-فېۋرال كەچتە، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تەقەززاسى ئاستىدا، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ چاغانلىق كېچىلىكى باشلاندى. «جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇل»چېمپىيۇنى، «شىنجاڭ مەدەنىيەت تارقىتىش ئەلچىسى»گۈلمىرە، 3-پەسىللىك «جۇڭگو ياخشى ئاۋاز»كۇرسانتى، شىنجاڭ مۇزىكا ئىجادىيىتى تېزىملىكىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ناخشىچى ۋە ئالتۇن مۇزىكا مۇكاپاتى سەھىبى تۇرغۇنجان، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەل ئىچى مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى خې يۈلىن چاقىلىق ناھىيەسىدىكى چاغانلىق بىرلەشمە كېچىلىكنىڭ نەق مەيدانىدا ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن چاغاننى خۇشال تەبرىكلىدى.