سەئۇدى ئەرەبىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 15-فېۋرال سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان پايتەخت رىيادتا زىيارەتكە كەلگەن كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ ساباھ ئەھمەد جابىر ساباھ بىلەن كۆرۈشكەن، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى مۇقلىن، ئورۇنباسار ۋەلىئەھدى نايف قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشقان.
ئىگىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى سۆھبىتىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتكەن ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى تەرەپ يەنە نۆۋەتتىكى خەلقئارادىكى يېڭى ۋەزىيەت ھەققىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان.