باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا بۇ يىل باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە يېقىندىكى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2015.02.13 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېبرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان «بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ 2015-يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇشىغا كىرىش خىزمىتى ھەققىدىكى پىكىر» رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ يىلقى «پىكىر» ئومۇمي جەھەتتىن مۇقىملىقنى ساقلىغان، ئەمما داۋاملىق ئىمتىھانسىز، يېقىننى ئاساس قىلىپ ئوقۇشقا كىرىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان، ھەمدە ئۆتكەن يىلدىكى ئوقۇشقا كىرىش چارىسىگە نىسبەتەن يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە باشلانغۇچتىن تولۇقسىزغا ئۆرلەشتە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشتا جۇڭخۇا ئەنئەنىۋىي ئىلغار مەدەنىيەتلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا مايىل قىلىنىدۇ، ھەمدە تۇنجى قېتىم خەلق ئىگىدارلىقىدىكى مەكتەپلەر ۋە ياتاقلىق تۈزۈمدىكى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئالدىن رايون ھالقىپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشىغا رۇخسەت قىلىندى. شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەلىپى بويىچە، بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرىدە بارلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە يېقىندىكى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، %90تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يېقىندىكى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر