- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سەي يىڭۋېن تەيۋەن رايونىنىڭ 2016-يىللىق رەھبەر تاللاش سايلىمىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى دەسلەپكى تاللاشقا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى
2015.02.16 16:07 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا تورى، تەيبېي، 15-فېۋرال تېلېگراممىسى. دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سەي يىڭۋېن 15-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11لەردە مەزكۇر پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىشتابىغا بېرىپ تەيۋەن رايونىنىڭ 2016-يىللىق رەھبەر تاللاش سايلىمىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى دەسلەپكى تاللاشقا قاتنىشىش ئۈچۈن جەدۋەل ئېلىپ، ئارال بويىچە كېلەر يىللىق تەيۋەن سايلىمىغا ئەڭ بالدۇر كىرىشكەن سىياسىي ئەربابقا ئايلاندى. سەي يىڭۋېن پارتىيە ئىشتابىدا تىزىملىتىش ھەققى ۋە ئەل رايىنى سىناش ھەققى ئۈچۈن 5 مىليون تەيۋەن پۇلى تاپشۇردى. ئۇ ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن سايلامغا قاتنىشىشىنىڭ تەيۋەننىڭ يېڭى سىياسىي مەدەنىيەتكە موھتاجلىقى ئۈچۈنلىكىنى بىلدۈردى. ئىككى قىرغاق سىياسىي مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇرغاندا سەي يىڭۋېن مۇنداق دېدى: دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر