سۈرەتتە:15-فېۋرال،شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ پۇتبولچىسى ئالوئىسئو(سول)ليۇ ۋېنيۈگە لۇنىڭ كوماندىسىنىڭ شارپىسىنى چىگىپ قويماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16 -فېۋرال ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، خاڭجۇ شەرقى ۋوگزالدىن بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالغا ماڭىدىغان G32قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك پويىزدا ، توققۇز ياشلىق كىچىك توپ مەستانىسى ليۇ ۋېنيۈ ئاپىسى بىلەن بېيجىڭغا دادىسى بىلەن بىللە چاغان ئۆتكۈزگىلى ماڭغاندا، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى شەندۇڭ لۇنىڭ تەيشەن كوماندىسىنىڭ بىر قىسىم پۇتبولچىلىرىنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالاملىشىپ، لۇنىڭ پۇتبولچىسىنىڭ سوۋغا قىلغان شارپىسىغا ئېرىشىدۇ ۋە مۇكاپات لوڭقىسى بىلەن سۆرەتكە چۈشۈۋالىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى