باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يېڭى مىنسكى كېلىشىمى ئۇكرائىناغا ئۈمىد ئېلىپ كېلەمدۇ؟

2015.02.17 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىيېۋ ۋاقتى 15-فېۋرال سائەت نۆلدە يېڭى مىنسكى كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى. ئۇكرائىنا ئارمىيە دائىرىلىرى شۈ كۈنى شەرقىي قىسمىدىكى ئەلئارا قۇراللىق تەشكىلاتلار سائەت نۆلدىن كېيىن نەچچە قېتىم ئۇكرائىنا ئارمىيەسى قاراۋۇلخانىسىنى توپقا تۇتتى، دېدى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى يەنە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەلئارا قۇراللىق تەشكىلاتنىڭ بىر قوماندانى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، جېبىلىسەيۋودىكى ئەلئارا قۇراللىق تەشكىلاتلارغا ئوت ئاچتى، ئەلئارا قۇراللىق تەشكىلاتلار قايتۇرما زەربە بەردى، دېدى.

  ئۇكرائىنا، رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيەنىڭ رەھبەرلىرى جاپالىق سۆزلىشىش ئارقىلىق، كونتروللۇقىنى يوقىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇشنى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىكى ھالەتكە ئەكەلدى. تۆت تەرەپ يېقىندا مىنسكىدا «مىنىسكى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ئۇنىۋېرسال تەدبىرىنى ئىجرا قىلىش» ھۆججىتىنى ھاسىل قىلدى. بۇ يېڭى كېلىشىم ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئىمزالانغان مىنسكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ كۈچەيتىلمە نۇسخىسى دەپ قارالدى. كونا كېلىشىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى كېلىشىمدە ئۇرۇش توختىتىشقا تېخىمۇ تەپسىلىي كۆڭۈل بۆلۈنگەن. قۇرالنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسىگە ئاساسەن، توقۇنۇشىنى پەسەيتىش رايونى ئەسلىدىكى 30 كىلومېتىردىن ھازىر 50 كىلومېتىردىن 140 كىلومېتىرغىچە كېڭەيتىپلا قالماستىن يەنە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى توقۇنۇش بولىۋاتقان رايونلارنىڭ چېگرىنى كونترول قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قۇرال ۋە خادىملارنىڭ ئۇكرائىنا تەۋەسىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىدى.

  يېڭى كېلىشىمدە ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش جەھەتتە بۆسۈش بولمىدى، ھەر قايسى تەرەپلەر ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتچى خادىملىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇشنى قارار قىلدى. رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف تۆت تەرەپ سۆھبىتىدىن ئىلگىرى مۇنداق دېدى: خەلقئارا تىنچلىق قوغداش قىسمىنىڭ ئۇكرائىناغا كىرىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ. رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە خەلقئارا تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىم ئىچىدە چوقۇم رۇسىيە ئارمىيەسى بولۇشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئۇكرائىنا بۇنىڭغا قارشى تۇرغان. ھەر قايسى تەرەپلەر تىنچلىق ساقلاش مەسىلىسىدە ئاخىرى بىرلىككە كېلەلمىگەن.

  ئېغىر تىپتىكى قۇراللارنى چېكىندۈرۈش جەھەتتە يېڭى كېلىشىمدە توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ تەڭ ئارلىققا چېكىنىش، ئەلئارا قۇراللىق تەشكىلاتلار كونا نوسقىدىكى مىنسكى كېلىشىمىدە بەلگىلىگەن چېگرا ئايرىش لىنىيەسىنى قوشۇن چېكىندۈرۈش باشلىنىش نۇقتىسى قىلىش تەلەپ قىلىندى. بۇ ئەلئارا قۇراللىق تەشكىلاتلارنىڭ يېقىنقى نەچچە ئايدا قانلىق كۆرەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن يېڭى زېمىنلىرىنىڭ قولدىن كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەلئارا قۇراللىق تەشكىلاتلارنىڭ بۇنىڭغا ماقۇل بولۇش-بولماسلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس.

  يېڭى كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، كەڭ كۆلەمدىكى توقۇنۇشنى ۋاقتىنچە تېزگىنلىگىلى بولىدۇ، ئەمما ئاندا-ساندا توقۇنۇشتىن ساقلىنىش تەس. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەلئارا قۇراللىق تەشكىلات خادىملىرى مۇرەككەپ، رەھبەرلىك قاتلىمى ئۇرۇش توختىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن بىلەن بىر قىسىم ئۇرۇش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار قوماندانلىقنى ئاڭلىماسلىقى مۇمكىن. ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسدىن باشقا نۇرغۇن ۋاقىتلىق قوبۇل قىلغان ئەسكەر ۋە پىدائىي ئەسكەرلىرى بار، ئۇنىڭ ئىچىدە ئوڭ قانات ئەسەبىي كۈچلەرمۇ يوق ئەمەس.

  ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بىلەن شەرقى قىسىمدىكى ئەلئارا قۇراللىق تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىختىلاپىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى دەل مۇشۇ يەردە. يېڭى كېلىشىم بەلگىلىك دەرىجىدە ئەلئارا قۇراللىق تەشكىلاتلارنىڭ تەلىپىنى گەۋدىلەندۈردى. ئالايلۇق 2015-يىلنىڭ ئاخىرى يېڭى ئاساسى قانۇن چىقىرىش، شەرقىي قىسمىدىكى مۇناسىۋەتلىك رايوننىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ئۆزگەرتىشنى مەڭگۈلۈك قانۇنغا ئايلاندۇرۇش. ئەلئارا قۇراللىق تەشكىلاتلار ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى تېزدىن ئېچىپ، ئاساسى قانۇننى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسىنى ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بىلەن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى يول قويۇشى ئۇكرائىنا پارلامنتىدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى مۇمكىن.

  ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە ھاسىل قىلىش ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئىستىكىنى بىلدۈردى. رۇسىيە، ئۇكرائىنا، گېرمانىيە، فىرانسىيەنىڭ رەھبەرلىرى قەرەللىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. گېرمانىيە زۇڭلىسى مىركىل بىلەن قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېف يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: كېلەر قېتىم رۇسىيە، ئۇكرائىنا، گېرمانىيە، فىرانسىيەدىن ئىبارەت تۆت تەرەپ سۆھبىتى قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن. دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئۇكرائىناغا ئۇزاق مۇددەت تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر