باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى يىغىن مەزگىلىدە پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

2015.03.02 10:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېتىپ كەلدى.

  ئىككى يىغىن ھارپىسىدا، جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى قاتارلىق تور بېكەتلىرى «مەن بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنى يازىمەن، مەن ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئەقىل كۆرسىتىمەن» ناملىق پائالىيەتنى قانات يايدۇردى. ھەر خىل مەسىلە، ھەر خىل تەكلىپلەردىن خەلق ئاممىسىنىڭ تۆت ناتوغرا ئىستىلنى تۈزىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا، چېرىكلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي جازالاشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى ئايان بولدى شۇنداقلا يەنە بىر تەرەپتىن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا بولغان تەخىرسىزلىكى نامايان بولدى.

  مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چۈ چىڭشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلغاندىلا، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشقا سىياسىي، تەشكىلىي كاپالەت ھازىرلاپ بەرگىلى بولىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شۈ خۇي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى باشقۇرۇشتا، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭ تۇتۇش، پارتىيە ئىنتىزامىنى دۆلەت قانۇنىدىنمۇ چىڭ تۇتۇش كېرەك. چېرىكلىك مەسىلىسىگە چىداپ تۇرماسلىق پوزىتسىيىنى ئۆزگەرتمەسلىك، كۈچلۈك تەدبىر بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىرادىسىنى بوشاشتۇرماسلىق، تېخىمۇ كۈچلۈك جاسارەتنى يوقاتماسلىق، قاتتىق جازالاشنى بوشىتىپ قويماسلىقتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، چېرىكلىكنى قاتتىق جازالاش كېرەك.

  3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى كىچىك ئەمەلدارلار چوڭ خىيانەت قىلىش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىغا بىر سۆز بايان قىلىش ماتېرىيالى سۇندى. ماتېرىيالدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مۇستەھكەم توسمىنىمۇ كىچىككىنە تۆشۈك ۋەيران قىلالايدۇ، كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ چوڭ خىيانەت قىلىش مەسىلىسىگە سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ چوڭ خىيانەت قىلىش مەسىلىسىنى جازالاشتا قاتتىق بولۇش، يەنى قاتتىق تەكشۈرۈش، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، قاتتىق باشقۇرۇش شەرت.

  كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنداق دېدى: كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، رەھبەرلىك يادروسىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي تىرەك ھازىرلاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلىغاندىلا، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ. بۇ يىل-ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان ھالقىلىق يىل، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش باشلانغان يىل، 12-بەش يىللىق پىلان ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدىغان يىل، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا بۇنىڭ يېڭى تەرەققىيات لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر