سۈرەتتە:28-فېۋرال،جاۋابكار يىن شياڭجې سوتقا ئېلىپ كىرىلمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇكۈنى، يىن شياڭجې قانۇنسىز زەھەر ساقلاشقا چېتىشلىق دېلوسى بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايون خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىپ قاراپ چىقىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا ،سوت قانۇنسىز زەھەر ساقلاش جىنايىتى بىلەن يىن شياڭجېغا 7 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى ۋە قوشۇمچە 2000 يۈەن شىتراپ قويۇلدى. يىن شياڭجې سوتتا نارازىلىق ئەرز سۇنۇش توغرىسىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى