باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بۆرە تۇتېمى» ناملىق كىنو موڭغۇلىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2015.03.02 10:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ شۇ ناملىق رومانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «بۆرە تۇتېمى» ناملىق كىنو 27-فېۋرال كەچتە موڭغۇلىيەدە تۇنجى قېتىم قويۇلدى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە بىرلىشىپ ئىشلىگەن بۇ كىنو موڭغۇلىيە كۆرۈرمەنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، تۇنجى قويۇلغان كۈنىدىكى كىنو بېلىتى تولۇق تۈگىدى. موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئۇلانباتۇر شەھىرىدىكى تېڭگىس ۋە ئۇرىگى قاتارلىق كىنوخانىلارنىڭ سىرتى ۋە كىنوخانا ئىچىدە «بۆرە تۇتېمى» ناملىق كىنونىڭ بۆلەكلىرى ھەم سۈرەتكە ئېلىش ھۆججەتلىك فىلىمى توختىماي كۆرسىتىلدى. موڭغۇلىيەنىڭ كىنو خىزمەتچىسى بايىنجۇل «بۆرە تۇتېمى»غا يۇقىرى باھا بېرىپ، بۆرە بىلەن ئاتنىڭ ئېلىشقان كۆرۈنۈشى ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولۇپتۇ، بۆرە-يايلاق ئېكولوگىيە زەنجىرىنىڭ بىر ھالقىسى، پېشقەدەم چارۋىچىنىڭ زىيالىي ياشقا بەرگەن تەلىمى-ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشىدىكى ھايات ھېكمىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن دەپ ھېسابلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر