- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئەل رايىنى ئىگەللەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش پائالىيىتى باشلاندى
2015.03.02 10:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چاغان ئۆتۈپ كەتكىنى بىلەن چاغانلىق كەيىپيات تېخى پەسەيگىنى يوق، 28-فېۋرال شىنجاڭدىكى كەنتلەردە چېنىقىدىغان 70مىڭدىن ئارتۇق كادىر تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئەل رايىنى ئىگەللەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش پائالىيىتىنى باشلىدى.
بۇ يىل شىنجاڭدا ئەل رايىنى ئىگەللەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش پائالىيىتى باشلانغان ئىككىنچى يىل، شۇنداقلا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن خىزمەت ئەترىتىنى ئۇزۇتۇپ قويدى ھەمدە ئۇلارغا بايراق تەقدىم قىلىپ، كۆپچىلىكنى پىسخىكىسى، رولى ۋە ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساپ، ئامما ئارىسىغا تېزدىن چۆكۈپ، رەسمى ھالەتكە كىرىپ، ئاساسى قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىدە تاۋلىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قابىلىيەتلىك كادىرلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۈرۈمچى ئايرودورومىدا، ۋوگزاللاردا مەيدىسىگە قىپ قىزىل گۈللەرنى تاقىغان كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئۇزاتقىلى چىققانلار بىلەن قىزغىن خوشلاشتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەش مارالبېشى ناھىيەسىگە ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باش مەسئۇلى ليۇ جېنچياڭنىڭ: ۋەزىپىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى، مەجبۇرىيىتىمىزنى ئۇنۇتمايمىز، بىرىنچى تۈركۈمدىكىلەرنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ياخشى ئۆتكۈزىۋالىمىز، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈمىز، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇمىز دېگەن سۆزى كەنتلەردە تۇرۇشقا ماڭغان 70مىڭدىن ئارتۇق كادىرنىڭ ئورتاق قەلىب ساداسى بوپ قالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر