باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ ھەربىي ئاپشاركا ئىشلىتىشى ئۇرۇش قىلىش، مۇقۇملىقنى ساقلاش قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيتىلدى

2015.02.05 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆت باش بۆلۈمنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ھەربىي ئاپشاركا خىزمەت بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« ھەربىي ئاپشاركا خىزمەت بەلگىلىمىسى» دېيىلىدۇ) ئالدىنقى كۈنلىرى رەسمىي ئېلان قىلىنىپ ئىجرا قىلىندى.

  يېڭىدىن تارقىتىلغان « ھەربىي ئاپشاركا خىزمەت بەلگىلىمىسى»، باش شتاب بۆلۈم، باش سىياسى بۆلۈم، باش ئارقا سەپ بۆلۈمى 1995- يىلى « ھەربىي ئاپشاركىلارنى باشقۇرۇش خىزمەت بەلگىلىمىسى»نى ئاساس قىلىپ، يېڭى مەزگىلدىكى ئارمىيمىزنىڭ ھەربىي ئاپشاركا قۇرۇلۇش تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھازىرقى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەربىي ئاپشاركىنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەربىي ئاپشاركا خىزمىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەربىي ئاپشاركا خىزمىتىگە يۇقىرى دەرىجىلىك لايىھىلەش ۋە سېستىمىلىق قېلىپلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

  باش شتاب ھەربىي ئىشلار بۆلۈمى ھەربىي خىزمەتچىلەر ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، « ھەربىي ئاپشاركا خىزمەت بەلگىلىمىسى»نىڭ مۇھىم ئىدىيىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ھەربىي ئاپشاركىنىڭ ئورنىنى ئالاھىدە جەڭچى، ھەربىي قىسىم جەڭگىۋار كۈچىنىڭ تەشكىلى قىسمى ۋە ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان ھەربىي كۈچ بايلىقى دەپ بېكىتتى. بۇ ئارمىيمىزنىڭ ھەربىي ئاپشاركىسىنىڭ بۇرچى ئاگاھلاندۇرۇش، چارلاش، ئاختۇرۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى دائىملىق ئىشلىتىلىشتىن، جەڭ قىلىش، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقۇملىقنى ساقلاش قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر