باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاموژنا مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە 1-ئايلىق ئىمپورت-ئېكىسپورت ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.8% چۈشكەن

تاشقى سودىنىڭ باشلىنىشى ئاجىز، ئېكىسپورت بېسىمغا يۈزلەندى

2015.02.09 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزنىڭ 1-ئايلىق ئىمپورت-ئېكىسپورت نىسبىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلساق، ئىمپورت ماللار باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئاساسلىق سەۋەب. ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۆۋەن سەۋىيە ياراتتى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئاجىزلاپ، تۈركۈملۈك تاۋارلارغا بولغان ئىمپورت ئېھتىياجى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، ئىمپورتنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورايدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيادىكى تۈركۈملۈك تاۋارلارنىڭ باھاسى جىددىي چۈشۈپ، ئىمپورت قىممىتىنى يەنىمۇ چۈشۈرۈۋەتتى.

  تامۇژنا باش مەھكىمىسىنىڭ 8- فېۋرال ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرلىيون 90 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.8% چۈشۈپ كەتكەن.

  تامۇژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا كۆرسەتكۈچى 38.6 بولۇپ، بۇلتۇر 12-ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 1.5 چۈشۈپ كەتكەن. بۇ مۇشۇ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ئۇدا 4 ئاي چۈشۈپ، بۇيىل بىرىنچى پەسىل ۋە ئىككىنچى پەسىلنىڭ بېشىدا ئېلىمىز ئكىسپورتىنىڭ بېسىمغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر