باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ 2014- يىللىق 3- قېتىملىق «كۈزىتىش تىزىملىكى» جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى

2015.02.06 17:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- فېۋرال تېلېگراممىسى. مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمى تور بېكىتىنىڭ 5- فېۋرال مەخسۇس ئىستون تەسىس قىلىپ، جەمئىيەتكە مەركەز كۈزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2014- يىللىق 3- قېتىملىق كۈزىتىش قايتما ئىنكاس ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

  مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2014- يىلى 11- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، مەركەز كۈزىتىش گۇرۇپپىسى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، مۇھىت قوغداش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانىسىسى، جەنۇب ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو كېمىسازلىق سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو دېڭىز تىرانسپورتى(گۇرۇھى)باش شىركىتى، خۇاديەن گۇرۇھى، «شەرق شامىلى»ئاپتوموبىل شىركىتى، شېنخۇا گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت- خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى قاتارلىق 13 ئورۇننى مەخسۇس تەكشۈردى.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە نىزامى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: پارتىيەنىڭ مەركىزى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر كومىتېتى كۈزىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز كۈزىتىش گۇرۇپپىسى بەش قېتىم كۈزىتىشنى قانات يايدۇردى، بۇ 31 ئۆلكە، رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە 28 تارماق، ئورۇن، كارخانىغا چېتىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر