باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىدىكى ئەمەلىي ئىلگىرىلەش

2015.02.09 14:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن ھەممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى،لىنيە بويىدىكى دۆلەتلەردىن 60 گە يېقىنى قۇرۇلۇشنى پائال قوللايدىغانلىقى ۋە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، قىسقىغىنە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا بىر بەلباغ بىريول قۇرۇلۇشى تەشەببۇستىن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندى، بىر يۈرۈش ئەمەلىي ھەمكارلىقتىن خېلى بالدۇرلا نەتىجە ھاسىل بولدى.

  2014-يىلى 24-ئۆكتەبىر ئۇلانباتۇردا موڭغۇلىيە بۈيۈك خۇلارى لايىھە ماقۇللاپ، جۇڭگو بىلەن يېقىن بولغان ئىككى بۆلەك جەنۇبىي لىنيە تۆمۈر يولىدا جۇڭگو بىلەن ئوخشاش بەلگە ئىشلىتىشنى بەلگىلىدى، بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك تەدبىر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق غەلبە قىلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسى جەھەتتىكى ئىشەنچسىنى مۇستەھكەملەيدىغان مۇھىم بەلگە بولىدۇ.شۇ كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگو، ھىندىستان، سىنگاپور قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئەزا دۆلەت « ئاسىيا ئۇل ئەسلھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇش ئەسلەتمىسى»نى ئىمزالاپ، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇشنى بىرلىكتە قارار قىلدى.

  ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا رۇسىيەنىڭ سۇچىدىن موڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتۇرغىچە، ھىندىستاندىن سىرلانكا، مالدىۋىغىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىنىغىچە رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ قېىتىم بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى ھەققىدە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر بەلباغ بىر يول قارىشىنىڭ خەلقائارادا ئېتىراپ قىلىنىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.

  شىنجاڭ، شەنشى، نىڭشيا، چىڭخەي، ئىچكى موڭغۇلدىن ئىبارەت ئىلگرى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ ئارقا سېپى توساتتىن ئۆزلىرىنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سپىگە ئايلانغانلىقىنى، تۈزۈلمە مېخانىزمى ئسلاھاتى ۋە كۆزقاراش ئېڭىدا بۇرۇلۇش ياساشنىڭ كۆرۈنەرلىك تېزلىگەنلىكىنى ھېس قىلدى.

  2015-يىلىنىڭ بېشىدا قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالى رايونى ئون مىنىستىرلىق كومىتېتنىڭ بىرلىشىپ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، ئالاتاۋ ئېغىزى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندىن كېيىنكى شىنجاڭدىكى ئىككىنچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا ئايلاندى، جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىنىڭ ئالدىنقى سېپى بولغان شىنجاڭ ئۇل ئەسلھەدە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ باشلامچسى بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر