باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرى: زۇڭلى تونىي ئاببوتنىڭ قوللاش نىسبىتى بەكلا چۈشۈپ كەتكەچكە خىزمەت تېپىش تور بېكىتىدە خىزمەت ئىزدەۋىتىپتۇ

2015.02.09 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قوللاش نىسبىتى چۈشۈپ كەتكەن، پارتىيە ئىچىدىكى سايلام كۈنى بېكىتىلىپ بولغان بىر پەيتتە، كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيسىدە تۇرۇۋاتقان ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى تونىي ئاببوت نېمە ئىش قىلۋاتىدۇ؟ ئاۋسترالىيە ئاخبارات تورى 8- فېۋرال خەۋەر قىلىپ، زۇڭلى ھازىر يېڭى خىزمەت تېپىپ، تەختتىن چۈشۈشكە تەييارلىق قىلۋاتىدۇ، دېگەن.

  ئاۋسترالىيە ئاخبارات تورى ھەممىدىن خەۋەردار ئەربابنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 8- فېۋرال ئاببوت ئالايىتەن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاۋسترالىيە بويىچە ئەڭ چوڭ خىزمەت ئىزدەش تورىنى كۆرگەن. ئاببوتنىڭ يېنىدىكى بىر خىزمەتچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، زۇڭلى خىزمەت ئۇچۇرلىرىنى كۆرگەندە ئارىسىدىكى بازار ماركېتىڭى تۈرىدىكى خىزمەتلەرگە ئالاھىدە قىزىققان، بىراق ئۇ ئاببوتنىڭ بۇ خىزمەتنى قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئىگەللەشكە ئاساسلانغاندا، ئاببوت سىياسىي سەھنىگە قەدەم قۇيۇشتىن ئىلگىرى بىر مۇخبىركەن. ئاببوتنىڭ توردا خىزمەت تاپماقچى بولغانلىق خەۋىرى تېزلىكتە دېققەتنى قوزغىغان، تور ئەھلى ئارقا-ئارقىدىن ئاببوت «سۇ كەلگۈچە توغان سېلۋاتىدۇ» دېيىشكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر