باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەرلىك ئىككى يىغىنلاردا مائارىپ مالىيە سېلىنمىسىدىكى يېڭى ۋەزىيەت قىزغىن مۇزاكىرە قىلىندى

2015.02.09 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  %4دېگەن بۇ سۆز بۇ يىل ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سان بولدى، 2012-يىلى ئېلىمىزنىڭ مالىيەدە مائارىپ سېلىنمىسى تۇنجى قېتىم ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %4گە يەتكەندىن بۇيان، %4 ھەرقايسى جايلارنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ ئۆلچەمگە يەتكەن يەتمىگەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان چەككە ئايلاندى. بۇ يىل يەرلىكنىڭ ئىككى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ئەزالار ئالدىنقى يىللاردىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە مائارىپ سېلىنمىسىغا ئەھمىيەت بەردى، سەۋەبى يېڭى خامچوت قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، چەك بېكىتىش قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت ھېسابلاندى، قانۇندا چەك بولمىغان ئەھۋالدا قانداق قىلىپ مالىيەدە مائارىپ مەبلەغ سېلىنمىسىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىغىلى بولىدۇ؟ مانا بۇ نۇرغۇن ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ كۆڭلىدىكى بىر چوڭ سوئال بولدى، مۇخبىر بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مالىيە خامچوت ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن شۇنى بايقىدىكى 2014-يىلى ھەرقايسى جايلارنىڭ مالىيەدىكى مائارىپ خىراجىتى ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاشقان، مالىيەدە مائارىپ چىقىمى يەرلىكنىڭ نۇرغۇن ئاممۋى مالىيە چىقىمىدا يەنىلا ئەڭ چوڭ تۈر قاتارىدا تۇرغان، نۇرغۇن يەرلىك ھۆكۈمەت دوكلاتلىرىدا ئېنىق قىلىپ مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: 2015-يىلى مالىيەدىن مائارىپقا ئاجرىتىلىدىغان چىقىم داۋاملىق ئاشۇرىلىدۇ، گەرچە ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىن قارىغاندا جايلار مالىيەدە مائارىپقا سېلىنما ئاجىرىتىشقا يەنىلا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن شۇنداقلا ئومۇمىي سېلىنما مىقتارىنى ئاشۇرغان بولسىمۇ، ئەمما قانداق قىلىپ قاتتىق كۆرسەتكۈچ بولمىغان ئەھۋالدا مالىيەدە مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ داۋاملىق مۇقىم ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش يەنىلا ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئويلىشىدىغان مەسىلە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر