باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ 1- نۇمۇرلۇق ھۆججىتىدە دېھقانلارنى يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇشقا يېتەكلەپ، يېزا كوللىكتىپ ئىقتىسادىي مېخانىزمى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك (سىياسەت يەشمىسى. 1-نومۇرلۇق ھۆججەت)

2015.02.06 17:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېشىپ بەرگۈچى: مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىدىن جاۋ ياڭ، لودەن، ۋاڭ بىن

  «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى ئىسلاھ قىلىشتۇر. 1-نومۇرلۇق ھۆججەتتە يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى چۆرىدەپ، يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، داۋاملىق يەكۈنلەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات قىلىش ئارقىلىق نەتىجە يارىتىپ، ئۆزگەرتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.

  بىرىنچى يارقىن نۇقتا: دېھقانلارنى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقى بىلەن پاي قوشۇشقا يېتەكلەش

  يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان يەرلەرنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىپ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشنى قەتئىي مەنئى كېرەك

  تۈجۈپىلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، تەشكىللەش، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش ئۆز ئارا بىرىككەن يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنىڭ تىجارەت ئۇسۇلىغا قويغان ئىچكى تەلىپى، يېزا ئىگىلىك تۈزۈلمە-مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى تەلىپى، يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەلىپى، «يەرنى كىم تېرىيدۇ» دېگەن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ رېئال تاللىشى. يېزا ئىسلاھاتىدا يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى چىڭ تۇتقاندا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ.

  مەركەز قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان «يېزىلارنىڭ يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىش، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك باشقۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»دە، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تىزلىتىش ئۈچۈن تۈزۈم تايانچى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئىككىنچى يارقىن نۇقتا: يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىلىك باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش

  ھوقۇق بىلەن پاينى بېكىتىش، دائىرىنى بېكىتمەسلىكنى قاتتىق ئىگىلەش كېرەك

  يېزىلاردىكى كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېزىلاردىكى كوللېكتىپ مۈلۈكنى جانلاندۇرۇشتا، چوقۇم دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ئالاقىدار تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېزىلاردىكى كوللېكتىپ مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  بۇ تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن باشلاش كېرەك. دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ مۈلۈك ھوقۇقى بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكىنى ئېنىق قىلىپ، تۈرلۈك ھوقۇقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ھەر خىل ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۇرغۇتۇپ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىلىك باشقۇرۇش يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. مەركەز قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان «دېھقانلار پاي ھەمكارلىقىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارغا كوللېكتىپ پاي ھوقۇقى بېرىشنى ئىسلاھ قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ مۈلۈك تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۈچۈن تۈزۈم شارائىتى ھازىرلاپ بەردى.

  بۇ تۈرلۈك ئىسلاھاتنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلگە ئېشىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش كېرەك. 1-نومۇرلۇق ھۆججەتتە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزىلاردىكى كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىلىك باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىدىغان پىكىرنى ئېلان قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى يارقىن نۇقتا: «ئۈچ خىل يەر»نىڭ ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا چوقۇم يېپىق ھالەتتە قىلىپ، خەۋپنى كونترول قىلىش

  نۇقتىدا سىناق قىلىنمايدىغان رايونلار قارىغۇلارچە بەسلىشىپ، ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلماسلىقى كېرەك

  ھازىرقى باسقۇچتا يېزىلاردىكى يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، يېزا ئىگىلىك مەسىلىسى ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېزا ئىگىلىكنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىش كېرەك. مەركەز قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان «يېزىلاردىكى يەرلەرنى ئىشلىتىش، كوللېكتىپ ئىگىلىك خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرنى بازارغا سېلىش، تۇرالغۇ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر» يېزىلاردىكى يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ھازىر، يېزىلاردىكى يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قىيىن ھالقىغا كەلدى. 1-نومۇرلۇق ھۆججەتتە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئومۇمىي يەر مۈلۈكچىلىكى خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەسلىك، تېرىلغۇ يەر ئاخىرقى چېكىنى بۇزماسلىق، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر