باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەھبىرىي كادىرلار ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى

ــ شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش تۇغرىسىدا(2)

2015.02.06 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي لۇشيەن مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، كادىرلار مۇھىم ئامىل بولۇپ قالىدۇ. ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىش خەرىتىسى سىزىپ چىقىلدى، گەپ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدە قالدى.

  «ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىشتا رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لارنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، قانۇن ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار زىممىسىگە يۈكلەنگەن مۇھىم مەسئۇليىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، بەزى رەھبىرى كادىرلارنىڭ قانۇن ئېڭى ۋە ئەمەلىي خىزمتىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ قانۇن ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە باشلامچىلىق رول ئوينىشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەسىلە دەۋرنىڭ ساداسى، شۇنداقلا ئىدىيەۋى سېگنال. شۇنى جەزىملەشتۈرۈش كېرەككى، ئسىلاھات- ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغان، جۈملىدىن پارتىيە 15- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار قانۇن ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، ئەمەلىي تۇرمۇشتا بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇن ئېڭى ئاجىز بولدى، قانۇن بولسىمۇ تايانماسلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىسا سۈرۈشتۈرمەسلىك، قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ قانۇن خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ قالدى. بەزىلەر قانۇننى كۆزگە ئىلمىدى، كۆڭلىدە قانۇنغا ئورۇن قويمىدى، بەزىلەرنىڭ سۆزى قانۇن بولدى، بەزىلەر قانۇن ئىجرا قىلىشتا قەتئىي بولمىدى، قانۇننى قوپاللىق بىلەن ئىجرا قىلدى، بەزىلەر ئەدلىيە ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، شەخسىي غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزدى، بەزىلەر پۇل دېسە جېنىنى بېرىپ، پارا يەپ قانۇننى بۇزدى. ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان چىرىك ئۇنسۇرلارنىڭ قايسبىرى پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي جىنايەت يولىغا ماڭمىغان؟ جۇۋ يۇڭكاڭ، بو شىلەي قاتارلىق ئەمىلىي يۇقىرى ھوقۇقى چوڭ چىرىك ئونسۇرلار قانۇننى كۆزگە ئىلماي، قانۇننى بۇزدى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېنىق گەۋدىلەنمىدى، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر