باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن «ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلدى

گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىق قىلمىشى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

2015.02.06 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-فېۋرال تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەستىقى بىلەن گوۋۇيۈەن يېقىندا «گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىق قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەمۇرىي تەستىققە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەستىق ھالقىسى كۆپ بولۇش، ئۇزاق ۋاقىت كېتىش، ئىختىيارلىقى بويىچە بېجىرىش، ئاشكارا، ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى ۋە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەمۇرىي تەستىق قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تەستىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، بازارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، باراۋەر رىقابەتلىشىش مۇھىتى بەرپا قىلىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش بوشلۇقىنى ئازايتىپ، چىرىكلىكنىڭ يىلتىز تارتىشىنى يوقىتىش، مەمۇرىي تەستىقنىڭ قانۇن بويىچە بېجىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت ۋە قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر