باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەھبىرىي كادىرلار قانۇننى ھۆرمەتلەش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى ئىشلىتىشتە ئۈلگە بولۇشى كېرەك

− شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)

2015.02.09 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پويىزنىڭ تېز مېڭىشى پاراۋۇزغا باغلىق. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئېتىقادى، ئىرادىسى، ھەرىكىتى بۇنىڭ قىممەت يۆنىلىشى شۇنداقلا مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى.

  «رەھبىرىي كادىرلار قانۇننى ھۆرمەتلەش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى ئىشلىتىشتە ئۈلگە بولۇپ، پۈتۈن ئارمىيە، دۆلەتنى يېتەكلەپ ئورتاق تىرىشىشى كېرەك»، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بولغان دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا بولغان ئېنىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قانۇننى ھۆرمەتلەشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشتا باشلامچىلىق بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىشنى ھۆرمەتلەپ، قانۇندىن ئەيمىنىش؛ قانۇننى ئۆگىنىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشتا باشلامچىلىق بىلەن قانۇننى چۈشىنىپ، قانۇننى ئىگىلەش؛ قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشتا باشلامچىلىق بىلەن ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، قانۇننى قوغداش؛ قانۇننى ئىشلىتىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشتا باشلامچىلىق بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش كېرەك.

  قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئىدىيىدە ھۆرمەتلىگەندىلا، قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ھەرىكىتىدە ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. قانۇن ئىدارە قىلىشنى ھۆرمەتلەشتە ئەڭ ئاۋۋال ئادەم ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە باشلىق ئىرادىسىنى كۆڭلىمىزدىن تەلتۆكۈس چىقىرىپ تاشلاپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ھەممىدىن ئۈستۈن، قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشى باراۋەر، ھوقۇقنى قانۇن بېكىتىدۇ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش قاتارلىق قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشقا زىيان يەتكۈزىدىغان، قانۇن ئىدارە قىلىشنى بۇزىدىغان، قانۇن ئىدارە قىلىشنى دەپسەندە قىلىدىغان قىلمىشلارغا دۇچ كەلگەندە كۆكرەكنى كېرىپ چىقىپ قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى، قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى كادىرلار قوشۇنىغا كىرگەن بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ تۇتۇش، ئۇزۇندىن، بالدۇر تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارغا قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىدىن ئىبارەت بىرىنچى تەربىيەنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر