باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

51-نۆۋەتلىك مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى ئېچىلدى

2015.02.09 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  51-نۆۋەتلىك مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى تۈنۈگۈن ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ يادرولۇق قارالمىسى خەلقئارا تەرتىپنىڭ غۇلاپ چۈشۈشى بولدى، ئۇكرائىنا كىرزىسى ۋە ئۇنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەمدە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئۈزلۈكسىز يامانلىشىۋاتقان ۋەزىيىتىگە نۇقتىلىق دىققەت قىلىندى. ئۇندىن باشقا يەر شارىنىڭ مۇساپىرلار كىرزىسى ۋە تېررورچىلىققا تاقابىل تۇرۇشمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېما بولدى. 20دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت باشلىقى، 60 دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، دۆلەت ھالقىغان 30 كارخانىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە پارلامېنت ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى.

  26-يانۋار مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى تۇنجى قېتىم «مىيۇنخېن بىخەتەرلىك دوكلاتى» ئېلان قىلغان ئىدى.«غالاپ چۈشكەن تەرتىپ، خالىمايدىغان قوغدىغۇچىلار» - ئاساسىي تېمىسى بولدى. دوكلاتتا ئۆتكەن بىر يىلدىكى يەر شارىدىكى بەزى ئاساسلىق ئەقىل ئىسكىلاتلىرىنىڭ تەتقىقاتى ۋە تەھلىلى يەكەنلەندى، ئۆتكەن بىر يىلدىكى دۇنيانىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىكى تېز ئۆزگىرىشتىن ئەندىشە قىلىندى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن يىلى خەلقئارا بىخەتەرلىك سىياسىي ئىنتايىن جاپالىق بولغان بىر يىل. ناھايىتى كۆپ كىرزىسلار تەرەققىي قىلىپ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ۋە تەھلىلچىلەر ئويلىمىغان خىرىس ۋە خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلدى. بۇ كىرزىسلەر خەلقئارا تەرتىپتىكى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بۆلۈنۈشنى ئاشكارىلاپ بەردى، شۇنداقلا ھازىرقى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك مېخانىزمى ۋە قۇرۇلمىسىدىكى يېتەرسىزلىكنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ئۇكرائىنا كىرزىسى، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتىمۇ «مىيۇنخېن بىخەتەرلىك دوكلاتى»دىكى نۇقتىلىق دىققەت قىلىنغان ئىككى قارالما. مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىنىڭ رەئىسى يىشېنگېر مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىنىڭ ئۇكرائىنا ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ھەمدە يەر شارىنىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىسلام ئەسەبىيچىلىرى لىۋان، تۇنىس، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش بولغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىجابىي پوزىتىسىيەسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتتى، ئەرەب تەكشۈرۈش ۋە سىياسەت دوكلاتى مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2012-ۋە 2013-يىلى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىكى داۋالغۇشقا ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتىدىغانلار %61، ئۆتكەن يىلى %45 بولغان.

  گېرمانىيەدە چىقىدىغان «خەلقئارا سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى شېرىك تېنپېر مۇنداق دېدى: ئىككى نۇقتىلىق رايوننىڭ تەرتىپى جەزمەن غۇلاپ كېتىدۇ. بىرى ئوتتۇرا شەرق رايونى، سۇرىيە ، لىۋىيە، ئىيوردانىيە ، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ. يېڭى تەرتىپنىڭ ئورنىتىلىش ئالامەتلىرىنى كۆرۈش تەس. يەنە بىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىنىڭ ۋەزىيىتى، ياۋروپادا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان تەرتىپ تەھدىتكە ئۇچرىدى.

  ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە ياۋروپا تېررورچىلىقنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇكرائىنا كىرزىسى تېخىمۇ ئېغىر مەسىلە. بۇ يۇگوسلاۋىيە پارچىلانغاندىن كېيىن ياۋروپادا يۈز بەرگەن تۇنجى ئۇرۇش. بىز شۇنداق دېسەك بولىدۇكى بىز تەرتىپ غۇلاپ چۈشكەن داۋالغۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز. ئۇ مۇنداق دېدى: مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدىن ئىبارەت بۇ سەھنە ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشقانلار ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پوزىتسىيىسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىگىلىسە بولىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى يىغىن سىرتىدىكى بەزى ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق، بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ.

  «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى»دە 5-فېۋرال « خاتىرجەملىك ئاخىرلاشتى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنىڭ ئاپتورى مۇنداق دېدى: 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تېررورلۇق تەھدىتى يېڭى سەۋىيەگە يەتتى. گەرچە ياۋروپا بىر قاتار يېڭى خىرىسلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ،لېكىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى تېخىمۇ بىردەك ئىتتىپاقلاشمىدى، ئۇلارنىڭ سىرتنىڭ تەھدىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئارزۇسى ئىنتايىن ئاجىز. ئۇندىن باشقا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر يەنە مالىيە جەھەتتە بېسىمغا ئۇچرىدى، ئۇلار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رامكىسىدا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ ساندىكى ئەزالىرىمۇ دۆلەت مۇداپىئەسى چىقىمىنى ئازايتتى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ياۋروپا بارغانچە ئامېرىكىغا تايىنىدۇ ھەمدە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرمۇ بىر بىرى بىلەن سۆزلىشەلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ.

  گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا قەرز كىرزىسىدە ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچىنىڭ پەيدىن-پەي كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارىڭ سىياسىي ئەمەلىي كۈچىمۇ خېلى ئاشتى. گېرمانىيە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دېگەن سادالارمۇ بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىدى. گېرمانىيە زۇڭتۇڭى گائۇك ئۆتكەن يىلىدىكى يىغىندا مۇنداق دېدى: گېرمانىيە خەلقئارا كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشى، ئىستېداتلىق دىپلوماتىيەنى يولغا قويۇشى كېرەك. گەرچە گېرمانىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە مۇھىم ياراشتۇرۇش رولىنى ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەربىي جەھەتتىكى ئارىلىشىشى يەنىلا ئىنتايىن كونسېرۋاتىپ. «مىيۇنخېن بىخەتەرلىك دوكلاتى»دا گېرمانىيە كېفوت فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈش مەلۇماتىغا نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: 2014-يىلى %60 گېرمانىيەلىك گېرمانىيە ھەرىكەت قوللىنىشتا داۋاملىق ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى كېرەك،دەپ قارىدى، 2015-يىلى بۇ نىسبەت %62كە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر