باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇش-قۇرۇق ئاۋارىگەرچىلىك

2015.02.09 16:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا تارىخشۇناسلار جەمئىيىتى بۇ يىل 3-ئايدا نەشىردىن چىقىدىغان ھۆكۈمەت ژۇرنىلى «تارىخ نۇقتىسى»دا، ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 19 تارىخشۇناسى بىرلىشىپ يازغان ماقالىنى ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ئابى شېنزو ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار ھەققىدىكى تارىخنى بۇرمىلاش ھەققىدىكى تۈرلۈك ئۇرۇنۇشلىرىغا رەددىيە بېرىدۇ.

  بۇ ئىش-ئامېرىكا مىكگىراۋ ھىل مائارىپ گۇرۇھى نەشىر قىلغان بىر پارچە تارىخىي دەرسلىكتىن پەيدا بولدى. بۇ تارىخىي دەرسلىكنىڭ ئىسمى «ئەنئەنە ۋە كەچۈرمىش: تارىخقا ئالاقىدار دۇنياۋى نەزەر» بولۇپ، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئىشلىتىلگەن. دەرسلىكتە ياپونىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئايالنى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا مەجبۇرلاش پاكىتى بايان قىلىنغان.

  بۇ دەرسلىك نەشىردىن چىققاندىن كېيىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى توختىماي بېسىم ئىشلىتىپ، ماكگىراۋ ھىل مائارىپ گۇرۇھىدىن ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللارغا ئالاقىدار مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. «كەسپىي ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ بۇ يىل 1-ئايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتى بىزنىڭ نىيۇيوركتىكى باش كونسۇلخانىمىزدىكى خىزمەتچىلىرىمىز بۇلتۇر 12-ئايدا ماكگىراۋ ھىل مائارىپ گۇرۇھىنىڭ ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، دەرسلىكتىكى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار، ياپونىيە بىلەن كورىيە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان دېڭىز ساھىلىنىڭ ئىسمىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، يۇقىرىقى ئىككى مەسىلىدە، دەرسلىكنىڭ مەزمۇنى بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقان مەيدانى بىر-بىرىگە زىت دېگەن دېدى.

  ماكگىراۋ ھىل مائارىپ گۇرۇھى «تارىخىي پاكىتنى قوللايمىز» دېگەن سەۋەب بىلەن بۇنى قەتئىي رەت قىلدى. شۇڭا، ئامېرىكا كوننېكتىكۇت ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خەلقئارا تارىخشۇناسلىق پىروفېسسورى ئالىكىس داندون ئامېرىكىنىڭ 19 تارىخشۇناسىنى بىرلىكتە ماقالە يېزىشقا تەشكىللەپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا نەشىر سودىگەرلىرىگە تارىخ دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە بېسىم ئىشلىتىش قىلمىشىغا بولغان گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنى تەنقىد قىلدى. داندون تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېكىتىلگەن تارىخىي پاكىتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى-سىرتتىكىلەردە ياپونىيەنىڭ ئىلىم ئەركىنلىكىگە بولغان كۈچلۈك ئەندىشىنى قوزغىدى. ئابى شېنزو ئىسپاتلىنىپ بولغان دۆلەت ئەسلىمىسىنى ئاشكارا پەردازلاشقا ئۇرۇنماقتا، ئۇ ئەسلىمە بىلەن تارىخنىڭ ئىككى ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.

  ئامېرىكىدىكى بەزى ئاساسلىق تاراتقۇلار ئابى شېنزو ياپونىيەنىڭ چەتئەللەردىكى دۆلەت ئوبرازىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، زەربىدارلىق بىلەن تارىخنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇندى، ماكگىراۋ ھىل مائارىپ گۇرۇھىغا بېسىم ئىشلىتىشىمۇ بۇنىڭ بىر مىسالى دەپ كۆرسەتتى. «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» بۇ يىل 1-ئايدىكى بىر خەۋىرىدە گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتىپ، ئابى شېنزو ئېقىمىدىكى مۇتەئەسسىپلەر تارىخنى بۇرمىلاپ، ئۇرۇش ۋاقتىدىكى ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى ئاسىيانى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان كۈرەش دەپ تەسۋىرلىمەكچى دېدى.

  تەنقىد ماقالىسىنى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان تارىخشۇناسلارنىڭ بىرى بولغان بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكولتىتىنىڭ پىروفېسسورى فىرانسىسكا سېرافىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا تارىخشۇناسلار جەمئىيىتى پات ئارىدا «ياپونىيە تارىخشۇناسلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز» دېگەن باياناتنى ئېلان قىلىپ، ياپونىيە تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بۇلتۇر 10-ئايدىكى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار مەسىلىسىدىكى ئابى شېنزوغا رەددىيە بېرىش باياناتىنى قوللايدۇ دېدى.

  كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تۈرىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مارك سېلدېنمۇ بىرلىشىپ ماقالە ئېلان قىلىدىغان 19 تارىخشۇناسنىڭ بىرى. ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا نەشىر سودىگەرلىرىگە بىۋاسىتە، ئاشكارا بېسىم ئىشلىتىشى نورمالسىزلىق، ئامېرىكىدىكى ياپونىيە ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان 19 ئالىم ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا ئېتىراز بىلدۈرۈشتىن سىرت، يەنە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى، 731-قىسىم قاتارلىق تارىخىي پاكىتلارنى ئېتىراپ قىلىشقا ئۇنىمىغانلىقىغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، بىرلىشىپ ماقالە ئېلان قىلىدۇ دېدى. سېلدېن ياپونىيە سىياسىي سەھنىسىدىكى يېڭى مىللەتچىلىك-ياپونىيە-كورىيە مۇناسىۋىتى ۋە ياپونىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئەلۋەتتە يەنە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ بار دەپ ھېسابلىدى.

  بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكولتېتىنىڭ پىروفېسسورى دېۋون پانداس مۇخبىرغا ئامېرىكا تارىخشۇناسلىرىنىڭ كوللېكتىپ ھالدا ئالاھىدە بىر ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىشى بىر ناھايىتى پەۋقۇلئاددە ئىش، ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا تارىخشۇناسلىق ساھەسى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماكگىراۋ ھىل مائارىپ گۇرۇھىغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى ئۇققان چاغدا، ھەممىمىز ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق، تارىخنى بۇرمىلاش-ئەۋلادلارنى خاتا يېتەكلەپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئىلىم ئەركىنلىكىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلىدۇ دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر