باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ئەسەدنى تەختتىن چۈشۈرمەيدىغان بولۇپ قالدى؟

2015.02.09 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا يېقىندا سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئىككى تۈرلۈك تەكلىپنى قوللىدى شۇنداقلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەدتىن ئىسمىنى ئاتاپ دەرھال ئىستىپا بېرىشنى تەلەپ قىلمىدى. سۇرىيەدىكى داۋالغۇش ئىچكى ئۇرۇشنى پەيدا قىلغاندىن بۇيان، ئامېرىكا باشار بىلەن دۈشمەنلىشىش مەيدانىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئىدى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە مەيدانىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. ئامېرىكا باشار بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن ۋاز كېچىپ ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشامدۇ-قانداق؟

  ئامېرىكا قوللىغان سۇرىيەگە ئالاقىدار ئىككى تۈرلۈك دىپلوماتىيە لايىھەسى-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنى توختىتىش تەكلىپى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئەسەد ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش تەكلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بىراق ئامېرىكا ھەمىشە بارلىق لايىھەلەر سۇرىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئەسەدنى تەختتىن چۈشۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى كېرەك دەپ چىڭ تۇرۇۋالغانلىقتىن، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ماجىراسى تۈگىمەي، سۇرىيە مەسىلىسى مۇشۇ سەۋەبتىن ھەل قىلىنماي كەلگەن ئىدى.

  ھالبۇكى، بۇ قېتىم ئامېرىكا ئەسەدنى تەختتىن چۈشۈرۈش ئىشىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى، گەرچە ئەسەدنىڭ ئورنىنى قوبۇل قىلىشنى ئېنىق بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇندىن بۇرۇن ئەسەد بىلەن دۈشمەنلىشىپ كەلگەن ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ھەقىقەتەن چوڭ ئۆزگىرىش.

  ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە بولغان مەيدانى ئاساسەن ئۆزگىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ جاي ۋاقتى 20-يانۋار ئوباما ئامېرىكا پارلامېنتىدا ۋەزىپە مۇددىتى ئىچىدىكى 6-قېتىملىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، بۇ يىللىق ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى تەپسىلىي شەرھلىدى. بۇنىڭ مەزمۇنىدىن شۇنىڭغا ئاسانلا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، ئوباما دىپلوماتىيە ساھەسىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشنىڭ مەزمۇنىنى باش ئورۇنغا قويغان، بۇ-ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق كۈچەش نۇقتىسى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھازىر ئوباما تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دېگەن سۆزنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇلتۇر 9-ئايدا، ئامېرىكا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىلەن ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىغان. يېقىنقى مەزگىلدە فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن بىر يۈرۈش تېررورلۇق ھۇجۇملىرى پەيدا قىلغان دۇنياۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دولقۇنى سەۋەبىدىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش-ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى خىرىسقا ئۇچراتتى.

  ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ ئەسەبىي تەشكىلات سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن تېخىمۇ بىۋاسىتە تەھدىت بولدى. نۆۋەتتە، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى راكا ئۆلكىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن جايلارنى ئىگىلەپ تۇرماقتا، گەرچە ئۇ يەرلەر ئاساسەن قۇملۇق بولسىمۇ، لېكىن سۇرىيە زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ راكا ئۆلكىسىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئىشغال قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يېقىن ئەتراپقا توپلانغان سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ قوراللىقلىرىغا زەربە بېرىش ئارقىلىق دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ئەمەلىيەتتە، سۇرىيەدە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا تاقابىل تۇرالايدىغان بىردىنبىر كۈچ بولۇپ قالدى.

  ئامېرىكا گەرچە بۇلتۇردىن باشلاپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن 23-يانۋار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بەش ئاي ھاۋادىن زەربە بەرگەن بولساقمۇ، بىراق ئۈنۈمى چوڭ بولمىدى دېدى. ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى ئىراقنى كۆپ يىل باشقۇرۇپ، ئىراق ھۆكۈمىتىگە نۇرغۇن قوراللىق كۈچ تەربىيەلەپ بەرگەن شۇنداقلا نۆۋەتتە يەنە مىڭدىن ئارتۇق ھەربىيسى ئىراقتا تۇرماقتا. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئۈنۈمى مۇشۇنداق تۆۋەن بولسا، ئۇنداقتا ئامېرىكىنىڭ تەسىرى ناھايىتى ئاجىز بولغان سۇرىيەدە ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارى تېخىمۇ چەكلىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا، سۇرىيە ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئىتتىپاقدىشىغا ئايلىنىپ قالدى.

  ئامېرىكا راستتىنلا ئەسەد بىلەن دۈشمەنلىشىش، سۇرىيەنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش مەيدانىدىن ۋاز كېچەمدۇ؟ بۇنىڭغا يەنىلا ياق دەپ جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىپادىسىنى ئۆزگەرتىشى شۈبھىسىزكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ھەم يەر شارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىشىشىدىن بولغان، بۇ پەقەت ۋاقىتلىق تەدبىر. بۇ خىرىسلار تىزگىنلەنگەن ھامان، ئامېرىكا يەنىلا سۇرىيەدىن يۈز ئۆرۈيدۇ. بۇ جەھەتتە ئامېرىكا يەنىلا مىسال بولالايدۇ. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىران، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالىغان ئىدى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا-ئىران مۇناسىۋىتى، ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋىتى يەنىلا تۈپتىن ياخشىلانمىدى.

  بۇندىن باشقا، ئامېرىكا ھازىر يەنىلا سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللاشتىن ۋاز كەچكىنى يوق، ئامېرىكا يەنىلا پەقەت ئۆكتىچىلەرنىلا سۇرىيەنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى دەپ ئېتىراپ قىلماقتا ھەم مەبلەغ، قورال بېرىش، تەربىيەلەش قاتارلىق يوللار بىلەن، ئۇلارنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەرمەكتە. بۇ-ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىنكى يۈز ئۆرۈشكە قالدۇرۇپ قويغان ئۇسۇلى.

  بىراق، ئامېرىكا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش تېرىشچانلىقىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت تېرىشىش كېرەكلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇڭا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋىتى يەنىلا مۆتىدىللىكنى ساقلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر