باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قۇسەي تەشكىلاتى ۋە يەمەن ۋەزىيىتى

2015.02.09 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەمەندىكى شىيە مەزھىپى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى 7-فېۋرال ئىلگىرىكى مۇداپىئە مىنىستىرى باشچىلىقىدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك كومىتېتىنى قۇردى، ئالدىنقى كۈنى بۇ تەشكىلات مۇۋەققەت زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنتنىڭ ئورنىغا زۇڭتۇڭ كومىتېتى ۋە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتنى قۇرۇپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قۇسەي تەشكىلاتىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىشى يەمەندىكى ئەسلىدىكى سىياسى سىستېمىنى تەلتۆكۈس بەربات قىلىپ، ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، يەمەن ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ناچارلاشتۇردى.

  2011-يىلى يەمەندە مالىمانچىلىق بولغاندا، يەمەن بىلەن سىياسى ۋە ئىقتىسادى ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق بولغان پارىس قولتۇقى ئەرەپ ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى كىرزىسنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ياراشتۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەمەن ۋەزىيىتىنىڭ نورمال يولغا كىرىشىگە ياردەم بەرگەن ئىدى. تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىم ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشى 2011-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان پارىس قولتۇقى ئەرەپ ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ياراشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، يەمەننىڭ سىياسى ياراشتۇرۇش مۇساپىسى يەنە ئەسلىدىكى ھالەتكە كېلىپ قالدى ئەمما بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى 2011-يىلدىكىدىن ناچارلاشتى.

  قۇسەي تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن بۇ تەشكىلات رەھبەرلىكىدىكى ئالىي ئىنقىلاپ كومىتېتى ھەرقايسى پارتىيەلەرنى ماسلاشتۇرۇپ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت قۇرىدۇ، ئاندىن مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن بەش ئەزادىن تەشكىل تاپقان زۇڭتۇڭ كومىتېتى قۇرىلىدۇ، ئاندىن زۇڭتۇڭ كومىتېتى مۇتەخەسسىس تىپىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئەمما مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت بىلەن زۇڭتۇڭ كومىتېتىنىڭ قارارى ئالىي ئىنىقلاپ كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك، بۇ تەشەببۇس ئەمەلىيەتتە بارلىق پارتىيەلەرنى قۇسەي تەشكىلاتىنىڭ چاڭگىلىغا كىرگۈزۈشنى مەقسەت قىلغان، شۇڭا يەمەندىكى ئاساسلىق پارتىيەلەرنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى تۇرغانلا گەپ.

  يەمەن پارلامېنتىدىكى ئۈچ چوڭ پارتىيە 7-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، قۇسەي تەشكىلاتى قۇرماقچى بولغان زۇڭتۇڭ كومىتېتى ۋە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ھەرقايسى پارتىيەلەردىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا سىياسى كىرزىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پارىس قولتۇقى ئەرەپ ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى 7-فېۋرال قاتتىق بايانات ئېلان قىلىپ، قۇسەي تەشكىلاتىنىڭ ھوقۇق تارتىۋېلىشى ئاساسى قانۇنغا خىلاپ دېدى، ھەمدە بۇ تەشكىلاتتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشچىلىقىدىكى سۆھبەتكە تېزدىن قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنداق بولمايدىكەن يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىمىز دېدى.

  نۇرغۇن يىللاردىن بېرى يەمەن پارىس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئاران ئاران ئىقتىسادىنى مۇقىم يۈرۈشتۈرۈپ كىلىۋاتتاتتى، ئەمما 2014-يىلى 9-ئايدا يەنى قۇسەي تەشكىلاتى قورال كۈچى بىلەن سانانى كونترول قىلغاندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى پارىس قولتۇقى ئەرەپ دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى كومىتېتى ياردەمنى توختاتتى، بۇنىڭ بىلەن يەمەن ئىقتىسادى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى.

  سانا ئۇنىۋېرسىستېتىنىڭ سىياسىيشۇناسلىق پىروفىسسورى نەجىب غالىب مۇنداق دېدى: قۇسەي تەشكىلاتىنىڭ قىلمىشى پارىس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى قوللايدىغان سىياسىي يارىشىش مۇساپىسىنى توختىتىپ قويدى، قۇسەي تەشكىلاتى رەھبەرلىك قىلغان ھۆكۈمەتنىڭ پارىس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمىكى تەس، مۇشۇنداق بولغاچقا ئۇلار بىرلا ۋاقىتتا سىياسىي جەھەتتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئىقتىسادى تۈگىشىدۇ.

  ئەرەب ئەللىرى سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى نابىل ئابدۇكېرى مۇنداق دېدى: قۇساي تەشكىلاتىنىڭ قارارى بارلىق پارتىيەلەر ۋە نۇرغۇن ھەربىي كۈچلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، قۇسەي تەشكىلاتى دۆلەتنى ئىدارە قىلالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىسى يوق. قۇسەي تەشكىلاتىنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان قارارى قانۇنلۇق ئەمەس، ھازىرقى بۇ خىل ھۆكۈمەتسىز ھالەت ھوقۇق بوشلۇقىنى تېخىمۇ زورايتىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا تەرەققىيات پۇرسىتىي يارىتىپ بېرىدۇ.

  قۇسەي تەشكىلاتى يەمەننىڭ شىمالىدىكى سادا ئۆلكىسىنى ئۇزاقتىن بېرى ئىگەللەپ كەلدى، 2010-يىلى يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن بولغان 6 يىلغا سوزۇلغان قوراللىق توقۇنۇشنى ئاياغلاشتۇردى. 2014-يىلى 7-ئايدا، يەمەن ھۆكۈمىتى يېقىلغۇ تولۇقلىمىسىنى ئازايتىشنى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن بېنزىن ۋە دېزلىننىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى، ئامما بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلدى، قۇسەي تەشكىلاتى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قورال كۈچى ئارقىلىق پايتەخت سانانى زورلۇق بىلەن تارتىۋالدى.

  يەمەننىڭ بۇ قېتىمقى سىياسىي كىرزىسى قارىماققا ھۆكۈمەتنىڭ يېقىلغۇ تولۇقلىمىسىنى ئازايتىشىدىن پەيدا بولغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئىچكى زىددىيەتنىڭ مەركەزلىك ئاشكارىلىنىشىدىن بولدى.

  2011-يىلنىڭ ئالدى كەينىدە، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدىكى تۇنىس، مىسىر، لىۋىيە، يەمەن ۋە سۈرىيەدە ئارقا-ئارقىدىن مالىمانچلىق يۈز بەردى، يەمەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىردىن-بىر كېلىشىم ئارقىلى ھوقۇقنى تىنچ ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان دۆلەت، ئامېرىكا يەمەننى ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىش جەھەتتىكى ئۈلگە دەپ قارايدۇ.

  سابىق ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، يەمەن ھۆكۈمىتى يەرلىك قەبىلىلەر، قوراللىق تەشكىلاتلار ۋە بۆلگۈنچى كۈچلەرنى مەنپەئەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا تەسەللىي بېرىپ كەلدى. خەلقئارا جەمئىيەت يەمەنگە زورلاپ قوشۇپ بەرگەن تىنچلىق كېلىشىمىمۇ كىرىزىسنى تۈپتىن تۈگىتەلمىدى. ئىقتىساد تەرەققىي قىلماسلىق، ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى، مەركەزنىڭ ئاجىز بولۇشى، يەرلىك قەبىلىلەر ۋە قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ بۆلۈنىشى قاتارلىق ئۇزاق يىللار ساقلانغان مەسىلىلەرمۇ ھەل قىلىنمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر