باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش 2013-يىلدىكى ٪33تىن 2014-يىلى ٪61غا ئۆستى

بۇ يىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىما سىياسىتى تەڭشىلىدۇ (سىياسەت يەشمىسى)

2015.02.09 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «2015−2017 يىلى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىنى يولغا قويۇش يېتەكچى پىكرى» يېقىندا ئېلان قىلىندى، ئۆتكەن يىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىللىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىما سىياسىتى تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتى، دائىرىسى ۋە تەرتىپى جەھەتلەردىن تەڭشەلگەن ۋە يېڭىلىق ياراتقان.

  تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغىچە كېڭەيتىلىدۇ

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى «پىكىر»دە ئەڭ چوڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگىنى تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتىنىڭ ئۆزگىرىشىكەن، تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتى «دېھقان، چارۋىچى، بېلىقچى، دېھقانچلىق(ئورمانچىلىق) مەيدانى ئىشچى-خىزمەتچىسى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتى»دىن «يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغان شەخس ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتى»غا ئۆزگەرتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى شەخس دېھقان، چارۋىچى، بېلىقچى، دېھقانچلىق(ئورمانچىلىق) مەيدانى ئىشچى-خىزمەتچىسى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغان باشقا كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتىنىڭ دائىرىسى يېزا ئىگىلىك قانۇنى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغان يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  تولۇقلىما بېرىش دائىرىسى ئاشلىق، پاختا، ماي، شېكەر قاتارلىق ئاساسلىق زىرائەتلەرگە مەركەزلىشىدۇ

  ئۆتكەن يىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2015−2017 يىلى مەركەز مالىيە مەبلىغى تولۇقلىما بېرىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى 2014-يىلدىكى 175تىن 137گە ئازلىغان، تولۇقلىما بېرىش دائىرىسى نېمىشقا ئازلاپ كېتىدۇ؟

  «بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاشلىق پاختا، ياغ، شېكەر قاتارلىق ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، سىياسەتنىڭ يۆنىلىشچانلىقى ۋە توغرىلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر» دېدى لى ۋېيگو چۈشەندۈرۈپ، «پىكىر»دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: «دانلىق زىرائەتتە ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆزى قامداش، ئاشلىق مۇتلەق بىخەتەر بولۇش» نىشان-تەلىپى بويىچە، مەركەز مالىيە مەبلىغى ئاشلىق، پاختا، ياغ، شېكەر قاتارلىق ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ھالقىسىغا كېرەكلىك ماشىنا سايمانلىرىغا نۇقتىلىق تولۇقلىما بېرىدۇ، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى دەسلەپكى پىششىقلاش-تەرەققىياتىغا كېرەكلىك ماشىنا سايمانلىرىغا تولۇقلىما بېرىشقىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئۈچ يىل ئەتراپىدا ئاشلىق، پاختا، ياغ، شېكەر قاتارلىق ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيىسىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

  تولۇقلىما بېرىش تەرتىپى تېخىمۇ ئاددىيلىشىدۇ، ئۇچۇر تېخىمۇ ئاشكارا بولىدۇ

  ئۆتكەن يىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تولۇقلىما بېرىش تەرتىپى تېخىمۇ ئاددىيلىشىدۇ. «پىكىر»دە جايلاردىن مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرت قىلىنىپ، رەسمىيەتلەرنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تەستىق ئۈچۈن قاترىشىنى ئازايتىش تەلەپ قىلىندى. تولۇقلىما بېرىش ئۇچۇرى ئاشكارا بولۇش جەھەتتە، «پىكىر»دە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپلەر قويۇلدى، ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلار يولغا قويۇش لايىھەسى، تولۇقلىما سوممىسى تەپسىلات جەدۋىلى، مەشغۇلات تەرتىپى، ئەرز قىلىش، مەسلىھەت سوراش ئۇسۇلى، مەبلەغ كۆلىمى ۋە ئىشلىتىش سۈرئىتى، تولۇقلىمىدىن مەنپەئەتلەندۈرۈش ئوبيېكتى، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى ۋە مەسىلىسى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق ئاشكارىلىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر