باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى

2015.02.09 16:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى ۋە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل 5-فېۋرال ئۇكرائىنادا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولدى، بۇ ئىككەيلەن يەنە تۈنۈگۈن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇپ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ھەر قايسى تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇدىغان لاھىيە ھاسىل قىلىش. 5-فېرال بۇ ئىككەيلەن ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولۇشتىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىمۇ ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولدى.

  تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەدە تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولۇشى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانى قورال تەمىنلەش مۇمكىنچىلىكىدىن، ئەگەر بۇنداق بولسا ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ كەسكىلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى ئۇشاكوف 5-فېۋرال: رۇسىيەنىڭ رەھبىرى فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە رەھبەلىرى بىلەن ئىجابىي سۆھبەتلىشىشنى، بۇ ئارقىلىق ئۇكرائىنا دائىلىرى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەل ئارىسىدىكى قوراللىقلارنىڭ سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، دېدى.

  ئۇ يەنە: بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، زۇڭتۇڭ پۇتىن يېقىندا ھوللاندى ۋە مېركىل بىلەن تېلېفونلاشقاندا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ ئىتايىن مۇھىم رول ئوينىدى، دېدى.

  ئۇشاكوف فىرانىسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لاھىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئويى توغرىسىدا: ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان پىلانغا پۇتىننىڭ يېقىندا بەرگە تەكلىپى كىرگۈزۈلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. 15-يانۋار پۇتىن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكوغا يازغان خېتىدە «ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدىكى ئىككى تەرەپ ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى دەرھال چېكىندۈرۈش كېرەك» قاتارلىق ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  رۇسىيە خەلقئارا تېلېگراف ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورچىسى بافلوۋىسكىنىڭ ھېسابلىشىچە، ئەگەر فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىغا قويغان ھەل قىلىش لاھىيەسىدە رۇسىيەگە قوللانغان جازا قايتا ئويلىشىلسا، ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ۋەكىللەر سۆھبەتلىشىدىغان بىر تەرەپ بولسا، ئۇنداقتا بۇ پىلان ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىكەن.

  ياۋروپانىڭ رەھبەرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان پەيتتە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكونىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىدىن ئۇكرائىناغا قورال ياردىمى بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىشى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم «جەڭ قىلدى».

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لۇكاشىۋىچ 5-فېۋرال مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىمزالىغان رۇسىيەنى جازالاش قانۇن پەرمانىغا ئاساسەن، ئامېرىكا ئۇكرائىنانى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئۇچقۇنى ئۆز ئىچگە ئالغان زامانىۋى قوراللار بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن، رۇسىيە بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ، ھەمدە ئامېرىكىغا بۇنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھىدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى.

  يەنە 5-فېۋرال، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى كېيىۋدا زىيارەتتە بولۇپ، پوروشىنكو بىلەن سۆھبەتلەشتى، كېررى مۇنداق دېدى: ھازىر ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن، بۇندىن ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان مىنىسك كېلىشىمى ئىجرا قىلىنمايۋاتىدۇ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ھەر خىل لايىھەلەرنى ئويلىشىۋاتىدۇ، بۇ ئۇكرائىناغا دۆلەت مۇداپىئەسى ياردىمى بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئەگەر رۇسىيە مىلتىق، تانكىغا قارشى تۇرغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق كىچىك تىپتىكى قوراللار بىلەن تەمىنلەشكە قارشى چىقمىسا، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە ئامېرىكا ئۇكرائىنانى ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا، ئامېرىكا ئۇكرائىناغا قورال بەرسە، رۇسىيە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ ئۇكرائىنا ھەتتە پۈتۈن ياۋروپاغا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىكەن، شۇڭا مېركىل بىلەن ھوللاندى ئامېرىكا ئۇكرائىنانى قورال بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلىشتىن بۇرۇن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرىدىكەن.

  تەھىلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇقېتىمقى موسكۋا سۆھبىتىدە مەلۇم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن بۇ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ.

  بىرىنچىدىن، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ۋە غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسدا ئىشەنچ كامچىل. ئۇكرائىنا رۇسىيەنى تاجاۋۇزچى دەپ قارايدۇ، غەرب ئەللىرى رۇسىيەنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قوراللىقلارنى قورال بىلەن تەمىنلىدى دەپ ئەيىبلەيدۇ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى توقۇنۇشتىكى دۈشمەنلەر دەپ قارايدۇ، ئەمما رۇسىيە بولسا ئۆزىنىڭ ياراشتۇرغۇچى رولىنى تەكىتلەيدۇ.

  ئىككىنچىدىن، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئىختىلاپلىرى بەكلا ئېغىر. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى مەيدانى بولسا دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ، كىيىۋ بىلەن ئەل ئارىسىدىكى قوراللارنىڭ سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رۇسىيە ئۇكرائىنادىن ئاساسىي قانۇننى ئىسلاھ قىلىپ، فېدېراتسىيەلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق ئۇكرائنا بىلەن غەرب ئەللىرى بۇنىڭغا ھازىرغىچە پىسەنت قىلمايۋاتىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، ھوللاندى بىلەن مېركىلنىڭ زىيارەتتە بولۇشى شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ ئىنكاسى ياۋروپا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاكتىپ پوزىتسىيەنى كۆرىسىتىپ بېرىدۇ، ئەمما ئامېرىكا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرىۋاتىدۇ، ئوباما ئۇكرائىنانى قورال بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىشى ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر