باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر

2015.02.10 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى. بۇ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى.

  خەلق دېموكراتىيىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن-ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان بايرىقى. خەلق دېموكراتىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا ئۆزىمىزنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىمىزدە چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشتۇر. سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغۋار ئىجادىيىتى، جۇڭگو سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ئۆزىگە خاس شەكلى ۋە ئالاھىدە ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنسىنىڭ سىياسىي ساھەدىكى مۇھىم ناماياندىسى، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىدىن بەھرىلەنگەن-بەھرىلەنمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، خەلقنىڭ سايلام ۋاقتىدا بىلەت تاشلاش ھوقۇقىنىڭ بار-يوقلۇقىغا ۋە خەلقنىڭ كۈندىلىك سىياسىي تۇرمۇشقا داۋاملىق قاتنىشىش ھوقۇقىنىڭ بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك. كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشكە تۈرتكە بولۇش، ئاممىدىن پىكىر ئېلىپ، ئەلنىڭ ئەقلىنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ يىغىپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدىكى ئىشەنچ، نەزەرىيە جەھەتتىكى ئىشەنچ، تۈزۈم ئىشەنچىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر