باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ھوقۇق، پۇلنى جايىدا ئىشلىتىپ، خىيانەتچى، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسى، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

2015.02.10 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-فېۋرال تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن 9-فېۋرال 3-قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پاك بولۇپ تىرىشىپ ئىشلەپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر