رۇسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 8-فېۋرال رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن سوچىدا بېلورۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشكەن. ئىككىيلەن رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ‹‹نورماندى ئەندىزىسى›› تۆت تەرەپ سۆھبىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان.
پۇتىن لۇكاشېنكونىڭ تۆت تەرەپ سۆھبىتى ئۈچۈن سۇپا تەمىنلەپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان. لۇكاشېنكومۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ‹‹ئورتاق باغچا ›› نى قوغداشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.