باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى يىڭلاكنىڭ چەت ئەلگە چىقىش ئىلتىماسى رەت قىلىندى

2015.02.09 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، باڭكوك، 8-فېۋرال تېلېگراممىسى. تايلاندنىڭ مەملىكەتلىك تىنچلىق، تەرتىپنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ۋونساي 8-فېۋرال مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك تىنچلىق، تەرتىپنى ساقلاش كومىتېتى سابىق زۇڭلى يىڭلاكنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش ئىلتىماسىنى رەت قىلدى، چۈنكى يىڭلاك گۈرۈچ سېتىۋېلىش تۈرىدە خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، ھازىر ئەيىپلىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ.

  تايلاندنىڭ «باڭكوك پوچتا گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلىرىنىڭ ھەربىي تەرەپتىن ئىگىلىگەن خەۋىرىدە، يىڭلاك بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەملىكەتلىك تىنچلىق، تەرتىپنى ساقلاش كومىتېتىغا 8-فېۋرال شىياڭگاڭغا بېرىشنى ئىلتىماس قىلغانىكەن. ۋونساي مۇنداق دېدى: يىڭلاكنىڭ دېلوسى تېخىچە باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ، شۇڭا كومىتېت ئەزالىرى باشقا تارماقلار بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ، بولمىسا قانۇنىي دەۋانىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر