باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى

2015.02.09 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  توغرا تونۇش ھاسىل قىلىش، ياخشى تەدبىر قوللىنىش، جايىدا كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 8-فېۋرال تېلېگراممىسى. يېقىندا ئېچىلغان مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ قىسمەن ئورۇنلىرىدىكى ئورگان پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىگە خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يىغىنىدا، ئورگان پارتكوم شۇجىسىدىن بەشەيلەن ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بويىچە كۆپ تەرەپتىن مەلۇمات بەردى.

  ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى پارتىيەنى قۇرۇشتىكى يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدا بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى جەنشۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم خىزمەت تارمىقى، ئورنى ئالاھىدە، مەسئۇلىيىتى ئېغىر بولۇپ، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشنىڭ ئۆلچىمى، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، بوشاشتۇرماي چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر