باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت كارخانلىرىدىكى مىتە قۇرۇتلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى يەپ كېتىشىگە يول قويمايلى

2015.02.09 14:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-فېۋرال شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا دۆلەت كارخانلىرىدىكى مىتە قۇرۇتلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى يەپ كېتىشىگە يول قويمايلى دېگەن تېمىدا ئوبزور ئېلان قىلىندى.

  ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: مەركەز مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا بەزى دۆلەت كارخانلىرىدىكى مىتە قۇرۇتلار ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، دۆلەت مۈلكىنى تەدرىجى يەپ كېتىۋاتىدۇ.

  تەكشۈرۈشتىن شۇلار بايقالدىكى خۇادىيەن گۇرۇھىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ تۆلەش ۋە سېتىۋېلىش، قائىدىگە خىلاپ ھالدا پۇقراۋىي كارخانلارغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇد بولۇپ، دۆلەت مۈلكىنى يەپ كېتىۋاتقانلىقى، ، جۇڭگو دېڭىز تىرانسپورت گۇرۇھىدىكى بەزى رەھبەرلەر بىرقەدەر تۆۋەن باھا ھەتتا تەننەرخ باھاسىدىن تۆۋەن باھادا تىرانسپورت كەسپىنى ئۆزىنىڭ ياكى ئۇرۇغ تۇغقان دوست بۇرادەرلىرىنىڭ شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈدىغان، بەزى دۆلەت كارخانلىرى سىرتتىكىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنى تەڭ يەيدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقى ئايان بولدى.

  دۆلەت كارخانلىرىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىگە قارىتا مەركەزنىڭ پوزىتىسىيەسى ئېنىق، يەنى پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتا دۆلەت كارخانلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، 2015-يىلى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ شەمشەر دۆلەت كارخانلىرىغا قارىتىدۇ، مەركەز دۆلەت كارخانلىرىغا قارىتىلغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەركەز باشقۇرىشىدىكى دۆلەتنىڭ مۇھىم تايانچ كارخانلىرىنى تولۇق تەكشۈرىدۇ، تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈنۈملۈك تەدبىر ئارقلىق دۆلەت كارخانلىرىدىكى مىتە قۇرۇتلارنى تازىلاپ، پارتىيە نىزامى، دۆلەت قانۇنىغا ئاساسەن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قايتۇرۇش لازىم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلاھات ئارقىلىق تۈزۈمدىكى يوچۇقلارنى ئېتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە مېخانزم جەھەتتىن مىتە قۇرۇتلارنى ئازايتىپ، دۆلەت مۈلكىنى تۈپتىن قوغداش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر