- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ھىندونوزىيە زۇڭتۇڭى مالايسىيا تەرەپ بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى
2015.02.09 13:15 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
مالايسىيادا زىيارەت قىلىۋاتقان ھىندونوزىيە زۇڭتۇڭى جوكو مالايسىيا تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «شەرقىي- جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى بىرلىككە كەلگەن ۋاقىت رايونى» قىلىش تەكلىپىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مالايسىيا تەرەپ بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى. مالايسىيا تەرەپ بۇ يىل شەرقىي- جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ شۇ نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتى. مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىب بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر قانچە ئورۇندا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ۋاقتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بىر قانچە قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇھاشىممۇ داۋۇستا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۈنبىرىدە بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر