باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پىچاندا نېفىت توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ ماي باكى پارتلاپ ئۈچ ئادەم قازا قىلدى

2015.02.06 13:07         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 2-فېۋرال سائەت 19 لاردا پىچان ناھىيەسى پىچان يولى 196-نومۇرغا جايلاشقان ‹‹لاۋ لى كەپشەرلەش دۇكىنى›› ئالدىدا ‹‹**新G558›› نومۇرلۇق نېفىت توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ ماي باكى كەپشەرلىنىۋاتقاندا تۇيۇقسىز پارتلاپ، ئۈچ ئادەم قازا قىلغان، ئىككى ئادەم يارىلانغان، ئەتراپتىكى ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش دۇكانلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

  قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار ھادىسە مەلۇماتىنى تاپشۇرىۋېلىپلا نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، يارىلانغان ئىككى ئادەمنى دەرھال دوختۇرخانىغا يەتكۈزگەن. تەخمىنەن 40 مىنۇتلار ئىچىدە نەق مەيدان بىر تەرەپ قىلىنغان. نۆۋەتتە، پىچان ناھىيەسى بۇ ھادىسە ئۈچۈن تەشكىللىگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھادىسىنىڭ كونكرېت سەۋەبىنى تەكشۈرىۋېتىپتۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىنتېرنېت تورىدىن تەكشۈرۈشىچە، 2007-يىلدىن ھازىرغا قەدەر نېفىت توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ ماي باكى رېمونت جەريانىدا پارتلاپ كېتىش ھادىسىسىدىن ئاز دېگەندىمۇ بىر قانچىسى يۈز بەرگەن، بۇنىڭ بىرى: 2007-يىلى 20-دېكابىر سائەت 11 يېرىملار ئەتراپىدا ئۈرۈمچى تۇدۇڭخابا رايونى ۋاڭجياگوۋ يول ئېغىزىدىكى رېمونت دۇكىنىدا نېفىت توشۇش ئاپتوموبىلنىڭ ماي باكى كەپشەرلىنىۋاتقاندا پارتلاپ، رېمونتچى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان؛ يەنە بىرى، 2011-يىلى 5-يانۋار سائەت 11 لەردە كۇيتۇن شەھىرىدىكى شەخسلەر ئاچقان نېفىت توشۇش ئاپتوموبىللىرىنى رېمونت قىلىش ئورنىدا نېفىت توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ ماي باكى كەپشەرلىنىۋاتقاندا پارتلاپ بىر رېمونتچى نەق مەيداندا قازا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر