باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە 330 مىڭ ئاغرىق جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش تۈزۈمىدىن بەھرىلەندى

2015.02.05 18:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىددىي، ئېغىر، خەتەرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ياكى داۋالىنىش ھەققىنى تاپشۇرۇشقا قۇربى يەتمەيدىغان ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىمىزدە 2013 – يىلىدىن باشلاپ جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. دۆلەت سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جايلاردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى 2014 – يىلى دېكابىرغىچە بۇ تۈزۈم بويىچە 329 مىڭ ئاغرىقنى جىددىي قۇتقۇزغان، ئىلتىماس قىلغان مەبلىغى 1 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  دۆلەت سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاخبارات – تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ چۈنئەن مۇنداق دېدى: جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش تۈزۈمى ئاغرىقلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بىر قىسىم ئاغرىقلار تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالغاندا داۋالىنىش ھەققىدىن غەم قىلماي خاتىرجەم داۋالىنالايدىغان بولدى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بېسىمىنى يېنىكلەتتى، داۋالاش خادىملىرىمۇ ئاغرىقلارنى ئەستايىدىل داۋالايدىغان بولدى.

  ماۋ چۈنئەن مۇنداق دېدى: 2014 – يىلى 2400دىن كۆپرەك ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىدا دورا ئارقىلىق دوختۇرخانىنى باقىدىغان، باھا قوشۇپ ساتىدىغان قىلمىشلار تۈگىتىلىپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ باھاسى تەڭشەلدى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، يېڭى مېخانىزمنى دەسلەپكى قەدەمدە يولغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر