باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۇما ناھىيەسىنىڭ باشبولاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتتىكى نوقتىلىق 3 كىشىنى تېزگىنلەشنى بىكار قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدى

2015.02.06 13:06         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ گۇما ناھىيەسىنىڭ باشبولاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتتىكى نوقتىلىق 3 كىشىنى تېزگىنلەشنى بىكار قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەخمەت مۇنداق دېدى: بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كەنتتىن ئايرىلىش ئالدىدا بىزگە قىلغان يەنە بىر سوۋغىسى، بۇنىڭدىن كېيىن، كەنت ئىككى كومىتېتى بەنزىسى كەنتتىكى ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، تىرىشىپ ئىشلەش، ئاق كۆڭۈل بۆلۈشتەك توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ.

  2014- يىلى 3- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ گۇما ناھىيەسىنىڭ باشبولاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆيمۇ- ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، كەنتتىكى 80-، 90- يىللاردىن كېيىن توغۇلغان 3 ياشنىڭ دېلوغا چېتىلىپ قېلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن نوقتىلىق كىشىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتى. ئۇلار دەرھال ئىش تەقسىماتىنى ئېنىق ئايرىپ، بۇ نوقتىلىق 3 ياش بىلەن يۆلەش- ياردەم بېرىش بويىچە قوشماقلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇلار بىلەن مەركەزلىك سىرداشتى، مۇڭداشتى، بىر قېتىم قانۇن دەرسى ئۆتتى، ئىشلەپچىقىرىشتا يۆلىدى. بىر يىلدىن بۇيان، بۇ 3 ياشنىڭ بىرى تراكتور سېتىۋېلىپ، بىرى بوز يەر ئېچىپ، يەنە بىرى ئارالغا بېرىپ ئىشلەپ، كەنتتىكىلەرنىڭ قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشتىكى باشلامچىلىرىدىن بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر