باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئۇدا 8 يىل ئىلغار بولۇپ باھالاندى

2015.02.04 14:18         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى بويىچە ئۇدا 8 يىل ئىلغار بولۇپ باھالاندى.

  مەزكۇر شىركەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە باشقۇرۇش ھالقىلىرىدا زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلات سۈپىتى، ئىش ئۈنۈمى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. بۇلتۇر، مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىغاندىن باشقا، ئۈسكۈنە باشقۇرۇش، ئىسكىلات باشقۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاپتوماتىك نازارەت قىلىش، مۇھىت ئۆلچەش سىستېمىسىنى لىنىيەدە قوللىنىش،جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى قاتارلىق بىر قاتار سىستېمىلارنى يولغا قويدى. مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش سستېمىسى يولغا قويۇلۇپ، تۈرلۈك ئىستاتىستىكا ۋە باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى تور ئارقىلىق يوللاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ تور قانۇن- تۈزۈم ئامبىرى قۇرۇلۇپ، باشقۇرۇش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى؛ يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورىنى ئاپتوماتىك باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېقىلغۇ زور دەرىجىدە تېجەپ قېلىنىپ، 3 مىليون 350 مىڭ يۈەنلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىلدى؛ ERP ئاپتوماتىك ئىسكىلات باشقۇرۇش سىستېمىسى يولغا قويۇلۇپ، خادىملارنىڭ خىزمەت سىجىللىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىپلا قالماي، ئىش ئۈنۈمى ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. نەتىجىدە، بۇ شىركەتنىڭ 2014- يىللىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشىدا يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىپ، ئۇدا 8 يىل ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار كارخانا بولۇپ باھالاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر