شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، چۆچەك ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ۋە چۆچەك ‹‹پەرۋاز›› پۇتبول كۇلۇبى كوماندىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى پەرۋاز ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى 2-فېۋرال پىچان ناھىيەسىدە باشلاندى.
پۇتبول ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى پۇتبول ھەۋەسكارلىرىغا ئۆزىنى نامايان قىلىش سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە چۆچەك ‹‹پەرۋاز›› پۇتبول كوماندىسى، پىچان ناھىيەلىك پۇتبول كوماندىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى قاتارلىق 10 كوماندا، ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە ساۋەن ناھىيەلىك پۇتبول كۇلۇبى كوماندىسى، شىخۇ شەھەرلىك پۇتبول كوماندىسى، تۇرپان ‹‹ئىدىقۇت›› پۇتبول كوماندىسى قاتارلىق توققۇز كوماندا قاتناشتى.