- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى
2015.02.04 14:22 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش قەدىمى تېزلىتىلىپ، تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ، تەرەققىيات ئەڭ تېز، ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ بولدى، پۇقرالار ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى.
جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭجۇ شەھىرى «ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەربىيەلەش، ئىختىساسلىقلار»دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يۆلەش نۇقتىلىرىنىڭ «قان ئىشلەپچىقىرىش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى «ئۈچ يىللىق ۋەزىپىنى ئىككى يىلدا تاماملاش» خىزمەت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 18 نى يولغا قويۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 172 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 149 مىليون يۈەننى ئىككى خىل تۇرالغۇ ئۆي، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا؛ 23 مىليون 700 مىڭ يۈەننى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە سەرپ قىلىپ، ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە 665 ئىختىساسلىق خادىم تەربىيەلەپ بەردى. چاڭجۇ شەھەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى، كارخانىچىلار ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە ئىئانە قىلغان پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارنىڭ قىممىتى 20 مىليون يۈەندىن ئاشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر