باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇگې جىلتۇنىڭ ئاتا- ئانىسى 2 مىليون 50مىڭ يۈەن دۆلەت تۆلىمى ئالدى

2015.02.04 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر مەركىزى ئورگان بىلوگىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، خۇگې جىلتۇنىڭ ئاتا- ئانىسى 2 مىليون 50مىڭ يۈەن دۆلەت تۆلىمنى تاپشۇرۇپ ئالدى. خۇگې جىلتۇنىڭ ئاتا- ئانىسى، بۇ پۇلغا ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا ياخشىراق يەرلىك سېتىۋالمىز، دېدى.

  2014- يىلى 15-دېكابىر، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى خۇگې جىلتۇنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، لۈكچەكلىك دېلوسىغا قايتا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئەسلى جاۋابكار خۇگې جىلتۇنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلدى. شۇ كۈنى، خۇگې جىلتۇنىڭ ئاتا- ئانىسى لى سەنرېن، شاڭ ئەييۈن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دۆلەت تۆلىمى ئىلتىماس قىلدى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى دېلو تۇرغۇزۇپ، 30- دېكابىر دۆلەت تۆلىمى بېرىش قارارىنى چىقىرىپ، لى سەنرېن، شاڭ ئەييۈنگە جەمئىي 2059621.40 يۈەن دۆلەت تۆلىمى بېرىشنى قارار قىلدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، تۆلەم تۈرى:1. تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى لى سەنرېن، شاڭ ئەييۈنگە ئۆلۈم تۆلەم پۇلى، دەپنە پۇلى 1047580 يۈەن، 2. تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى لى سەنرېن، شاڭ ئەييۈنگە خۇگې جىلتۇ جازا ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىغان 60 كۈنگە 12041.40 يۈەن، 3. تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى لى سەنرېن، شاڭ ئەييۈنگە روھى زىيان تۆلىمى 1 مىليون يۈەن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر