باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شياڭياڭ شەھىرىدە ‹‹ئۈچ يوق›› مەھەللىلەرگە ھۆكۈمەت ئىگە بولدى

2015.02.04 13:56         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇ يەر بۇ يەردە كىچىك – كىچىك كۆكتاتلىقلار، توخۇ كاتەكلىرى، ئەخلەت دۆۋىلىرى، سېسىق سۇ كۆلچەكلىرى... بۇ يەردە تۇرۇۋاتقىنىغا 40 يىلغا يېقىن بولغان جاڭ شيەنجۇڭ مۇشۇنداق مەنزىرە ئالدىدا كۆڭلى يېرىم بولۇپ: تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ بۇ يەر بەكلا كەينىدە قالدى، ھازىر ئىدارىمىز يوق بولدى، بۇ يەرنى بىرەر ئورۇن باشقۇرسا بولاتتى، دەيتتى ئادەم توپلاشقان يەرلەرگە بارسىلا.

  جياڭ شيەنجۇڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شياڭياڭ شەھىرىدىكى ئىلگىرىكى بىر يېمەكلىك باش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، 2007 – يىلى كارخانىدا تۈزۈلمە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، كارخانا جايلاشقان بۇ مەھەللىنىڭ ‹‹ئىگىسى يوق›› بولۇپ قالغانىدى. مەھەللە شەھەر رايونىغا جايلاشقان بولسىمۇ، بىنالار ئارىلىقىدىكى بىكار يەرلەرگە كۆكتات تېرىلغان، توپ مەيدانىنى كىشىلەر ئېغىل قىلىۋالغان، بۇلۇڭلارغا ئەخلەتلەر دۆۋىلەنگەنىدى.

  يېقىندا شياڭجاڭ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ شيۇچىڭ ئۇنىڭغا شياڭياڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇ مەھەللىنى بۇ يىللىق ‹‹ئۈچ يوق›› مەھەللىلەرنى تەرتىپكە سېلىش پىلانىغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېيتتى، جاڭ شيەنجۇڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەكلا خۇش بولۇپ كەتتى.

  كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، ۋەيران بولۇش ياكى باش ئىشتابى يۆتكىلىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، شياڭياڭ شەھەر رايونىدا كۆپ يىللاردىن بۇيان زور بىر تۈركۈم باشقۇرىدىغان ئورۇن يوق، خوجىلىق باشقۇرۇشى يوق، ئۇل ئەسلىھەلەر يوق مەھەللىلەر بارلىققا كەلگەن. 2013 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شياڭياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ رەھبەرلىرى ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئاممىنىڭ مەھەللىنى باشقۇرىدىغان ئورۇننىڭ يوقلۇقى، مەينەت، قالايمىقان، ناچار بولۇۋاتقىنىغا ئۇزاق بولغانلىقى ھەققىدىكى پىكرىگە ئاساسەن، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى ئىنكاسنىڭ 300 نەچچە پارچىغا يەتكەنلىكىنى، ‹‹ئۈچ يوق›› مەھەللىلەر510 مەھەللە، 54 مىڭ 920 ئائىلە، 143 مىڭ نوپۇسقا چېتىلىدىغانلىقىنى دەلىللەنگەن ۋە ناھايىتى تېزلا ‹‹ئۈچ يوق›› مەھەللىلەرنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ ئۈچ يىللىق پىلانىنى تۈزگەن، تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا نەچچە مىڭ كادىر ئورگانلاردىن چىقىپ، ‹‹ئۈچ يوق›› مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، مەھەللىدىكىلەر بىلەن بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى چۇۋۇپ تاشلاپ، ئۆيلەرنىڭ ئالدى – كەينىدىكى قالايمىقان دۆۋىلەپ قويۇلغان نەرسىلەرنى تازىلىغان. شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋاقىتلىق تولۇقلىما بېرىش، شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار ياردەم بېرىش، رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەرتىپكە سېلىش مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، پىلاندىكى مەھەللىلەرنىڭ قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، خوجىلىق باشقۇرۇش سەپلەنگەن. نەتىجىدە 2014 – يىلى 325 ‹‹ئۈچ يوق›› مەھەللىنى تەرتىپكە سېلىش تاماملانغان. قېپقالغان 185 مەھەللە بۇ يىل داۋاملىق تەرتىپكە سېلىنىدىكەن.

  سەنيۈەن مەھەللىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئارقىلىق بەرپا بولغان بولۇپ، خوجىلىق ھەققىنى يىغالماسلىق قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ‹‹ئۈچ يوق›› مەھەللىگە ئايلانغانىدى. مۇخبىر بۇ يەردە مەھەللىنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ تېخى ئاياغلاشمىغانلىقىنى، مەھەللە بېشىدا بىر نەچچە ئىشچىنىڭ ئازگال كولاۋاتقانلىقىنى، ئىككى تەرەپكە لايلارنى دۆۋىلەپ قويغانلىقىنى كۆردى. دەيجياتەي مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەن خوڭبو: ئۇلار يۇندى يولى قۇرۇلۇشى قىلىۋاتىدۇ، دېدى. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار تاملارنى ئاقارتىش، يول چىرىغى، شۇنداقلا نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى تاماملىغان، كېيىنكى قەدەمدە يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇشمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلىشىدىكەن، سەنيۈەن مەھەللىسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا شەھەر، رايون، شۇنداقلا ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلار 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر