خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ساقچى تەرەپ ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ھەمكارلىشىپ تىرىشىشى ئارقىلىق، ئىتالىيە ساقچى تەرەپ ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا، 3- فېۋرال، ج خ مىنىستىرلىكى چېگرا سىرتىغا چىقىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىتالىيەگە قېچىپ كەتكىلى 10 يىل بولغان ئىقتىسادى جىنايەتچى جاڭ x نى قانۇن بويىچە دۆلەتكە قايتۇرۇپ كەلدى.بۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا قوشۇلۇشى. يېقىندا، جۇڭگو ساقچى تەرەپ داۋاملىق مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردىن قانۇن بويىچە بىر تۈركۈم ئىقتىسادى جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ.
ئىگىلىنىشچە، جاڭ x ئەسلىدە خېبىيدىكى مەلۇم بىر ئاكسىيە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، 2000- يىلى 1- ئايدىن، 2005- يىلى 1 –ئايغىچە، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، خېرىدارلار ئاكسىيە ھېسابات مەبلىغىدىن 1 مىليون 400 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى ئوغرىلاپ كەتكەن. 2005- يىلى 10 –ئايدا ئىتالىيەگە قېچىپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن كىيىن، خېبېي ئۆلكىسى شىجىياجۇاڭ شەھەرلىك تەپتىش ئورگانلىرى ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ ئىگەللىۋىلىش جىنايىتى بىلەن جاڭ x نى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ج خ مىنىستىرلىكى خەلقئارا ساقچى گۇرۇپپىسى قىزىل رەڭلىك ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق ساقچى ئىشلىرى ئالاقىلىشىش ئەمەلدارىنى ئىككى تەرەپنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىق يولىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ، قولغا ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان.2014- يىلى 10- ئايدا ئىتالىيە ساقچى تەرەپ جاڭ x نى قولغا ئالغان ھەمدە جۇڭگو ج خ ئورگانلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلغان، ئارقىدىنلا جۇڭگو تەرەپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.2015- يىلى 16 يانۋار ئىتالىيە تەرەپ جاڭ x نى دۆلەتكە قايتۇرۇشنى رەسمىي تەستىقلىغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى