باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق ئۈچ باي 2015-يىللىق خۇرېن دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكىگە كىردى

2015.02.04 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىللىق دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكى تۈنۈگۈن ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىن يەنىلا سۈن گۇاڭشىن، مىي ئېنخۇ ۋە گۇۋېيلار 39 مىليارد يۈەن قىممىتىدىكى بايلىقى بىلەن تىزىملىككە كىردى، بۇ خۇرېن تەتقىقات ئاكادىمىيەسىنىڭ ئۇدا 4-قېتىم ئېلان قىلغان «دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكى» بولۇپ، 59 ياشلىق گەيتس 520 مىليارد يۈەنلىك بايلىقى بىلەن يەنە تۇنجى باي، لىي جياچېڭ 200 مىليارد يۈەن قىممىتىدىكى بايلىقى بىلەن ئېلىمىزدىكى تۇنجى باي بولدى.

  2015-يىللىق دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكىدە كۆرسىتىلىشىچە، لى خېجۈن ۋاڭ جيەنلىن 16 يىلدىن بۇيان جۇڭگو بايلار تىزىملىكىدە 12-ئورۇندا تۇرغان، ۋاڭ جيەنلىن ۋەندا سودا ئۆي ـ زېمىن مۈلۈكچىلىكى ۋە ۋەندا ئاكادېمىيە لىنىيىسى ئوڭۇشلۇق بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن 2-ئورۇنغا قايتا چىققان، مايۈن ئالىي بابا گۇرۇھىنىڭ پايچېكى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن 3-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.

  شىنجاڭلىق بايلار ئىچىدە، گۇاڭخۇي گۇرۇھى مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈن گۇاڭشىن 24 مىليارد يۈەنلىك بايلىقى بىلەن خۇرېن دۇنيادىكى پۇلدارلار تىزىملىكىدە 283-ئورۇندا تۇرۇپ ئىلگىرىكىدىن 125 ئورۇن ئۆسكەن.

  خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى مىي ئەنخۇا 7 مىليارد 900 مىليون يۈەن بايلىقى بىلەن پۈتۈن دۇنيا بويىچە 1498-ئورۇندا، جاۋ چى پاي ھەسسىدارلىقىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى گاۋ ۋېي 7 مىليارد 300 مىليون يۈەنلىك مەبلىغى بىلەن 1602-ئورۇندا تۇرغان.شىنجاڭدىكى ئۈچ نەپەر بايلار تىزىملىكىگە كىرگەن بايلارنىڭ ئىشلىرى ئاساسلىقى ئېنېرگىيە، سودا بازىرى، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار كەسىپلىرىگە ئالاقىدار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بايلىقىنى قوشقاندا 39 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ، بۇ لى خېجۈننىڭ بايلىقىنىڭ 0.25گە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئۈرۈمچىنىڭ مالىيە كىرىمىدىن 6 مىليارد يۈەنلا ئاز.

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ت ئا ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر