باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپىي بويىچە مۇلازىمەت مىقدارى ئاشتى

2015.02.04 14:08         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغاننىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى مال تاپشۇرىۋېلىش ۋە يەتكۈزۈشتىكى بېسىقچىلىقنى كۈتۈۋالدى. ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپىي بويىچە مۇلازىمەت مىقدارى ئاشتى.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قانچە تېز يەتكۈزۈش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ھەر قايسى شىركەتلەردە كۈندە دېگۈدەك قۇبۇل قىلىنىدىغان ۋە يەتكۈزۈلىدىغان يوللانمىلارنىڭ سانى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ دېرىكتورى جاڭ فىي مۇنداق دېگەن: تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى كۈندە دېگۈدەك يۈزدىن ئارتۇق يوللانمىنى ئىگىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. توشۇلىدىغان ماللارنىڭ ئىچىدە كېيىم- كېچەك ۋە ئاياغ تۈرىدىكى تۇرمۇش بويۇملىرى نىسبەتەن كۆپ. يەنە يەيدىغان نەرسىلەرمۇ بار. شىنجاڭدىن توشۇلىدىغان قۇرۇق يېمەكلىكلەرمۇ نىسبەتەن كۆپ.

  تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ مال يەتكۈزىدۇ. ئەمما يەنە نۇرغۇن ئامما مال تاپشۇرىۋېلىش ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتتى، سۈرئەت ئاستا دەپ ئاغرىنىدۇ. زىيارەت داۋامىدا، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۇرغۇن تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرى يۇرتىغا قايتىشقا باشلىغان. يۇرتىغا قايتىدىغانلار، خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىدىغانلارنىڭ سانى بۇلتۇر 12- ئايدىن باشلاپ كۆلەم شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بىر قىسىم تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرىدە ئادەم يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن مالنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈلمەسلىكتەك ئەھۋال كۆرۈلگەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى خۇمدانلىق ئەتراپىدىكى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان بىر دۇكان، كۈنىگە ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە 100 كىلوگىرامدىن ئارتۇق قۇرۇق مىۋە ئەۋەتەتتى. ئەمما يېقىندا، مال ئەۋەتىشنى توختاتماقچى بولدى. دۇكان ئىگىسى يۆ پېيشيا مۇنداق دېدى: ئادەتتە، ئايروپىلان ئارقىلىق 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە بولغان ۋاقىتتا يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولاتتى. ھازىر 10 كۈندىن 15 كۈنگىچە سوزۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خېرىدارلارغا مالنى چاغاندىن بۇرۇن يەتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايۋاتىدۇ.

  شىنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ ياشلار يولىدىكى تىجارەت زالىنىڭ ئىشىك ئالدىغا تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرى چاپلانغانىدى. دېرىكتور لى شۇگو مۇنداق دېدى: بىز بىر قانچە مەكتەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ، ماددىي ئوبورۇت كەسپىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىزدە ئەمەلىي سىناق ئېلىپ بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولدۇق. 1- ئاينىڭ 22- كۈنى توشۇش ئاپتوموبىللىرىمىز تۇلۇقلاندى. ھازىر توشۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىلىمىز 50 نەچچىگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر