بىر تاكسى سۇ بېسىپ كەتكەن يولدا ماڭماقتا
5-فېۋرال سەھەردە لەنجۇ شەھىرى چېڭگۇەن رايونىدىكى ۋۇدۇ يولى بىلەن لۇڭشى يولى كېسىشىدىغان ئېغىزدىكى 200 مېتىر يول بۆلىكىنى سۇ بېسىۋالغان. شۇ ئەتراپتىكى تازىلىق ئىشچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار سەھەر سائەت 5:00 لەردە ئىشقا چۈشكەندە بۇ يەرنى تېخى سۇ باسمىغان ئىكەن، سائەت 5:30 لار ئەتراپىدا يۇڭچاڭ ئوتتۇرا يولىغا جايلاشقان ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى سۇ تۇرۇبىسى يېرىلىپ كەتكەن، بۇنىڭدىن چىققان سۇ يەر تۈزۈلۈشى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان ۋۇدۇ يولى بىلەن لۇڭشى يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا قاراپ ئېقىپ، بۇ يولنى سۇ بېسىۋالغان. سائەت 8:50 كىچە قاتناش ساقچى ئىدارىسى، سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلاردىكى خىزمەتچىلەر نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان.
(فەن پېيشېن فوتوسى)