باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت شەخسلەر ئۈچۈن «باج نومۇرى» تۈزۈشنى پىلانلىدى

2015.02.04 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-فېۋرال تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسى 3-فېۋرال «باج ئېلىش-باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دەسلەپكى لايىھەسى(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»گە پىكىر ئېلىشنى ئاخىرلاشتۇردى. باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پەرقلەندۈرۈش نومۇرى تۈزۈمىدىن ئىبارەت قانۇنىي ئورنىنىڭ ئايدىڭلىشىشى بۇ مول مەزمۇنلۇق پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى.

  «دۆلەت باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پەرقلەندۈرۈش نومۇرى تۈزۈمىنى بىر تۇتاش يولغا قويىدۇ». پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: باج تارماقلىرى بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاساسەن كارخانا، پۇقرا قاتارلىق باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىدىغان بىردىنبىر ۋە ئۆمۈر بويى ئۆزگەرمەيدىغان رەقەملىك كود تۈزۈپ ئۇلارنى پەرقلەندۈرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر