باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئالىم خالىق كورلىدا ‹‹مېھىر-شەپقەت كاۋاپخانىسى›› ئاچتى (1)

2015.02.05 12:03         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىق خالىق كاۋاپ يەۋاتقان خېرىدارلاردىن كاۋاپنىڭ ئوخشىغان-ئوخشىمىغانلىقىنى سورىماقتا

  31-يانۋار كورلا شەھىرى نەشپۈت يولى تۆت كوچا ئېغىزى بويىغا ‹‹ئالىم خالىق مېھىر-شەپقەت كاۋاپخانىسى›› ئېچىلدى. ‹‹2011-يىلى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس››، ‹‹2012-يىللىق لوندۇن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ جۇڭگولۇق مەشئەل يەتكۈزگۈچىسى›› ئالىم خالىق ئۆز قولى بىلەن كاۋاپ پىشۇرۇپ، كاۋاپخانىسىغا كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

  -بۇ يەر مېنىڭ ئانا يۇرتۇم، مەن مېھىر-مۇھەببىتىمنى مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان بۇ ئانا زېمىنغىمۇ چاچىمەن، -دېدى ئۇ تىجارەت باشلاش مۇراسىمىدا ھاياجانلانغان ھالدا .

  مۇخبىرنىڭ نەق مەيداندىن كۆرۈشىچە، كاۋاپخانا مىللىي پوسۇندا بېزەلگەن، يىراقتىنلا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، تىجارەت باشلىنىشى بىلەن كاۋاپخانا خېرىدارلار بىلەن لىق تولغان. ئالىم خالىق مۇخبىرغا تىجارەت باشلىغان تۇنجى كۈنلۈك كىرىمىنىڭ ھەممىسىنى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۈندىلىك كىرىمىنىڭ %1 ىنى ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر