باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافرىقا تەرەققىياتىدا خىرىس بىلەن پۇرسەت تەڭ مەۋجۇد

2015.02.04 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافرىقا ئىتتىپاقى تېررورلۇقنى ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلك تەرەققىياتىغا بولغان ئاساسلىق تەھدىت دەپ قاراپ، يېڭى ئىستراتېگيەنى يولغا قويۇش ئارقىلىق تېررورچىلارغا زەربە بېرىشكە بەل باغلىدى.«ئاياللارغا ھوقۇق بېرىش ۋە ئافرىقا تەرەققىياتىنى ئىلگرى سۈرۈش 2163-يىللىق ئارزۇسى» ئاساسى تېما قىلىنغان 24-نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى 31-يانۋار ئەددىس ئەبىبەدە يېپىلدى.تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى:سەھرايىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا رايونىدا خىرىس بىلەن پۇرسەت تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئېبۇلا يۇقۇمىدىن كېيىن قايتا قۇرۇش ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش يەنىلا بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مۇھىم نۇقتا.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان، سەھرايىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا رايونىنىڭ ئىقتىسادى تېز ئېشىپ، يەر شارىدا ئىقتىساد ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئاشقان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، دۇنيا بانكىسىنىڭ مۆلچىرىچە بۇ يىل سەھرايىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا رايونىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %4.6 گە يېتىپ، داۋاملىق بىرقەدەر يۇقۇرى سەۋىيەنى ساقلايدىكەن.

  ئىقتىسادنىڭ تېز ئېشىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەڭ كۆرۈنەرلىك سېلىشتۇرما بولغىنى شۇكى بۇ رايوندا يەر شارى بويىچە تەخمىنەن 4دىن بىر كۆك نامرات نوپۇس مەركەزلەشكەن، بۇ نامرات نوپۇسنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇش خىراجىتى1.25 ئامېرىكا دوللارغىمۇ يەتمەيدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىدىكى خىرىس ۋە ئېبۇلا يۇقۇمىنىڭ يامراپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئافرىقا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى قۇرۇش قارار قىلىندى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 29-يانۋار ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىبۇلا يۇقۇمى ھەققدىكى دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، غەربىي ئافرىقىدا ئىبۇلا يۇقۇمى ئېغىر بولغان رايونلاردا ھەر ھەپتىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار سانى تۇنجى قېتىم 100دىن تۆۋەن بولدى، يۇقۇم ئاستا تارقىلىش باسقۇچىغا كىردى.

  ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇۋېنچا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە غەربى ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئىبۇلا يۇقۇرمى تەدرىجىي كونترول قىلىندى، ئەمما بۇ قېتىمقى ئىبۇلا يۇمۇمىنى ئاخىرلاشتى دەپ جاكارلاشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئىبۇلا يۇقۇمى بىرقەدەر ئېغىر بولغان غەربى ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئاممىۋى سەھىيەگە سالغان مەبلىغى يېتەرسىز، ئىنكاسى ئاستا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بايقالدى، نۆۋەتتە داۋالىنىش سەھىيە ئۇل ئەسلىھەسى ئاجىز بولۇش، مەبلەغ يېتەرسىز بولۇش يەنىلا يۇقۇم رايونىدىكى دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن ئېغىر خىرىس بولماقتا.

  ئۆتكەن يىلى 3-ئايدىن بۇيان، ئىبۇلا يۇقۇمى ئېغىر بولغان رايونلاردىكى گىۋىنيە، لىبىرىيە ۋە سىررالىئون قاتارلىق دۆلەتلەردە يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى بار 220507 كىشىگە يۇقۇملانغانلىق دىئاگونوزى قويۇلدى ياكى يۇقۇملانغان دەپ گۇمان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 8795 ئى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى.

  ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئافرىقىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى سانى يىلسېرى كۆپىيىپ ماڭغان، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 16 ئاساسلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى ئافرىقا قۇرۇقلىقىدا جانلىق ھەرىكەت قىلىماقتاكەن، بۇنىڭ ئىچىدە سېسىق نامى دۇنياغا پۇر كەتكەن بوكو ھەرەم تەشكىلاتى ۋە سۇمالى ياشلار پارتىيەسى بار.

  بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇما خانىم مۇنداق دېدى: ئالاقىدار دۆلەتلەر 7500 كىشىدىن تەركىپ تاپقان كۆپ دۆلەت قىسىمى قۇرۇپ، ئەسەبى تەشكىلات بوكو ھەرەم تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشى كېرەك.

  زۇما مۇنداق دېدى: بوكو ھەرەم تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشنى ھەرقايسى ئەزا دۆلەلەر بىرلىكتە ئۈنۈملۈك قەتئىي قوللىشى كېرەك،نۆۋەتتە نىگىرىيە ۋە تۆت قوشنا دۆلەت بېنىن، كامىرون، چات ۋە نىگېر كۆپ دۆلەت قىسىمىغا ئەسكەر ئەۋەتىشكە قوشۇلدى.

  2009-يىلىدىن بۇيان، بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىدا 13مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى، نەچچە مىليون كىشى يۇرت ماكانسىز قالدى، زۇما مۇنداق دېدى: بوكو ھەرەمنىڭ زوراۋانلىقى ۋە ھۇجۇمى رايونلارنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىد سالىدۇ، زور كۆلەملىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى مادىلا 30-يانۋار ئافرىقا ئىتتىپاقى باش ئورگىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى مەزگىلدە ئافرىقىدا تېررورلۇق ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەردى، ئافرىقا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى يېڭىباشتىن تۈزۈشكە باشلىدى.

  مادىلا مۇنداق دېدى: ئافرىقا ئىتتىپاقى تېررورلۇقنى ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلك تەرەققىياتىغا بولغان ئاساسلىق تەھدىد دەپ قاراپ، يېڭى ئىستراتېگيەنى يولغا قويۇش ئارقىلىق تېررورچىلارغا زەربە بېرىشكە بەل باغلىدى، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىمۇ قانۇن چىقىرىش، سىياسەت تۈزۈش، مېخانىزم بەرپا قىلىش جەھەتلەردىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى رامكىسىنى يېڭباشتىن پىلانلاپ، تېررورلۇققا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر